شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى
(2021) ش 32 ھ ئا 443-نومۇرلۇق
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): ئابلىز مەمەت، ئەر، 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرى دۆڭباغ كەنتى 456-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابدۇخەبەر مەتكېرەم، شىنجاڭ ئۇدۇن ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ماھىرە ھېبىبۇللا، شىنجاڭ ئۇدۇن ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار): شىنجاڭ شىنلوڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى، ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھەر دوستلۇق يولى 1-نومۇر.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى: ياڭ شىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى قوشۇمچە باش دىرېكتورى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابلىكىم ياسىن، ئەر، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابدۇمىجىت ئابلا، شىنجاڭ يىپەك شەھىرى ئادۋوكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابلىز مەمەت، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى شىنجاڭ شىنلوڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە شىنلوڭ شىركىتى دەپ قىسقارتىلىدۇ) بىلەن بولغان قۇرۇلۇش توختام ماجىراسى دېلوسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3221 ھ د 511-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ دېلو كۆرۈش، تەكشۈرۈش ۋە دەۋالاشقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇ دېلودا يېڭى سەۋەب بولمىغاچقا سوت ئاچماي قاراپ چىقتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
ئابلىز مەمەت “1-بىرىنچى سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3221 ھ د 511-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ كېسىمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، بىرىنچى سوتتىكى دەۋا تەلىپىمنى قوللاپ ھۆكۈم چىقىرىپ بەرسە؛ 2-دەۋا ھەققىنى شىنلوڭ شىركىتى ئۈستىگە ئالسا. پاكىت ۋە ئاساس: 1-بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ئېنىق ئەمەس، مەن بۇ دېلودىكى ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ بىرى، بىۋاستە دەۋا قىلىش سالاھىيىتىم بار، مەن مىجىت ئاسىپ(دېلو سىرتىدىكى كىشى) بىلەن شېرىكلىشىپ شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن ئېغىزاكى دېيىشىپ خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزا 16 كەنتىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىسى، ماڭلاي يېزىسىدىكى 14 باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنى سېلىش قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان، بۇ قۇرۇلۇشقا مەن مەبلەغ چىقىرىدىغان، مىجىت ئاسىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان بولغان. لېكىن قۇرۇلۇش باشلىنىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن مىجىت ئاسىپ قۇرۇلۇشنى قىلمىغاچقا مەن قۇرۇلۇشنى قىلىپ پۈتتۈرۈپ تاماملاپ شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دۆلىتىمىز قانۇنىدا "ئەمەلىي دەۋاگەر" دەيدىغان سالاھىيەت يوق، ئەگەر سوت مەھكىمىسى مىجىت ئاسىپنى بۇ دېلوغا چېتىشلىق دەپ قارىسا، ئۇنى ئۈچىنچى كىشى سالاھىيتىدە دەۋاغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ؛ 2-بىرىنچى سوت كېسىمىدە قانۇن تەتبىقلاش توغرا بولىمىدى، يەنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 119-ماددىسى 1-تارمىقىنى تەتبىقلىشى توغرا ئەمەس، مەن سوتتا كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتلار مېنىڭ بۇ دېلو بىلەن بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتىم بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.” دەپ نارازىلىق ئەرز بەردى.
شىنلوڭ شىركىتى “بىرىنچى سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش باسقۇچىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان، بۇ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ دېلونى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك. لېكىن بۇ دېلو سوتلىنىش جەريانىدا، دېلونىڭ پاكىتىنى تەپسىلىي ئېنىقلاش ئارقىلىق خاتالىقى تۈزىتىلىپ، بىرتەرەپ قىلىنىشى قانۇن تەرتىپگە ئۇيغۇن بولغان. چۈنكى ئابلىز مەمەت دېلو بىلەن بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار پۇقرا ئەمەس. شۇڭا ئابلىز مەمەتنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ، بىرىنچى سوتنىڭ كېسىمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئابلىز مەمەت بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ: “1-شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتىدىن قېلىپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 423107.33 يۈەننى ئالدۇرۇپ بەرسە؛ 2-دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالسا.” دەپ تەلەپ قىلغان.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق پاكىت بېكىتگەن: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىيو كىنو تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزىسىدىكى 16 كەنتىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىنى ۋە قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيە ئۇرچى يېزىسى، ياۋا يېزىسى، ماڭلاي يېزىسىدىكى 14 باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاشخانا سېلىش قۇرلۇشىنى شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى توختاملىشىپ ھۆددىگە ئېلىپ، مىجىت ئاسىپقا ھۆددە بەرگەن. مىجىت ئاسىپ بولسا مەزكۇر ئىككى ئورۇندىكى قۇرۇلۇشنى ئەمەلىي قانۇنسىز ھۆددىگە ئالغۇچى ھەم ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچى.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىغان، قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ھېساباتىنى قىلغان مىجىت ئاسىپنىڭ ئەمەلىي دەۋاگەرلىك سۇبيېكتى بېكىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئابلىز مەمەت دەلىل-ئىسپات قاتارىدا سوتقا تەمىنلىگەن قۇرۇلۇش توختامىدىكى بىۋاستە مەنپەئەتدار پۇقرا ئەمەس، بىۋاستە توختام ئىمزالىمىغان، ئۇنى ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچى دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇ دېلو ھەق تەلەپ دېلولىرىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئابلىز مەمەتنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلىشقا تېگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 119-ماددىسى 1-تارمىقى، 154-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇنداق ھۆكۈم قىلغان: ئابلىز مەمەتنىڭ دەۋاسى رەت قىلىنسۇن؛ دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 7646.61 يۈەن ئابلىز مەمەتكە قايتۇرىلىدۇ.
مەھكىمىمىز قاراپ چىقىپ ئېنىقلىغان پاكىت بىلەن بىرىنچى سوت ئېنىقلىغان پاكىت بىردەك.
يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، دەۋا جەريانىدا شىنجاڭ ئالتۇن سۇمۇرغ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتى شىركەت نامىنى شىنجاڭ شىنلوڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق چەكلىك شىركىتىگە، شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى مەمتىمىن ھېيىتنىيازنى ھازىرقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياڭ شىنغا ئۆزگەرتكەن.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، ئابلىز مەمەت بۇ دېلودىكى قۇرۇلۇشنى مىجىت ئاسىپ بىلەن شېرىكلىشىپ، بېشىدا ئۆزىنىڭ مەبلەغ چىقارغانلىقىنى، مىجىت ئاسىپنىڭ قۇرۇلۇش قىلغانلىقىنى، كېيىن مىجىت ئاسىپ قۇرۇلۇش قىلمىغاندا، ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشنى قىلىپ تاماملىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ دېلودىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شىنلوڭ شىركىتى مىجىت ئاسىپنىڭ ھەقىقەتەن بۇ دېلودىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئابلىز مەمەتنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئابلىز مەمەت بىلەن شىنلوڭ شىركىتى ئوتتۇرىسىدا يازمىچە پۈتۈم يوق. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 91-ماددىسى 1-تارماقچىسىنىڭ "قانۇن مۇناسىۋىتى مەۋجۇدلىقىنى تەشەببۇس قىلغان دەۋالاشقۇچىلار شۇ قانۇن مۇناسىۋىتى پەيدا بولغانلىقىغا ئائىت ئاساسىي پاكىتنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش جاۋابدارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛" دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئابلىز مەمەت ئۆزىنىڭ شىنلوڭ شىركىتى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش توختام مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك. لېكىن، ئابلىز مەمەت مەيلى بىرىنچى سوتتا بولسۇن ياكى ئىككىنچى سوتتا بولسۇن، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، شۇڭا ئابلىز مەمەتنى بۇ دېلو بىلەن بىۋاستە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار پۇقرا دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، بىرىنچى سوت كېسىمىنىڭ پاكىت بېكىتىشىدە مىجىت ئاسىپنىڭ "ئەمەلىي دەۋاگەرلىك سۇبيېكتى" بېكىتىلمىگەن دېگەندەك ھەمدە قانۇن تەتبىقلىشىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 119-ماددىسى "1-تارمىقى"، 154-ماددىسى "3-تارمىقى" دەپ تەتبىقلاشتەك ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 208-ماددىسى 3-تارمىقىنى تەتبىقلىماسلىقتەك نۇقسان كۆرۈلگەن بولسىمۇ، كېسىم نەتىجىسى توغرا بولغان. ئابلىز مەمەتنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 119-ماددىسى 1-تارماقچىسى، 154-ماددىسى 1-تارماق 3-تارماقچىسى، 170-ماددىسى 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 171-ماددىسى، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى> تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 208-ماددىسى 3-تارمىقى، 334-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە كېسىم قىلىندى:
نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى سوت كېسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن.
بۇ كېسىم ئاخىرىقى سوت كېسىمى بولىدۇ.
باش سوتچى نۇرنىسا ئابدۇللا
سوتچى نەقىتجان نەبى
سوتچى مەمەتئابلا تۇرسۇنتوختى
2021-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
پۈتۈكچى ئابلەت مەتسىدىق