新疆昆鹏建筑工程有限责任公司

新疆昆鹏建筑工程有限责任公司***·********·***不当得利纠纷民事二审民事判决书

来源:中国裁判文书网
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
 
 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2021) ش 32 ھ ئا 654-نومۇرلۇق
 
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى، ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيە دوستلۇق كوچىسى 8-نومۇر.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى: ئەختەر رۇزىتوختى، مەزكۇر شىركەتنىڭ دېرىكتورى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابدۇمىجىت ئابدۇللا، شىنجاڭ يىپەك شەھىرى ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابلىز رۇزمەمەت، شىنجاڭ يىپەك شەھىرى ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار): ئەركىن رېجەپ، ئەر، 1955-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ پىيىنسىيونىرى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيە ئىناق ئائىلە كومتېتى 3-گۇرۇپ 467-نومۇر، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيە تىيەنجىن ئولتۇراق رايونى 26-بىنا 1-كۇرپۇس 401-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار): ئەخمەتجان ئەركىن، ئەر، 1985-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيىسى بوستان كوچا 7-نومۇر 1-بىنا 1-كورپۇس 102-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كۈنپىڭ شىركىتى دېيلىدۇ)، ئەركىن رېجەپ، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئەخمەتجان ئەركىن ئوتتۇرسىدىكى نامۇۋاپىق مەنپەئەت ماجىراسى دېلوسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3225 ھ د 347-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى دېلوغا ئۇچۇق سوتتا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابدۇمىجىت ئابدۇللا ۋە ئابلىز رۇزمەمەت، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئەركىن رەجەپ، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئەخمەتجان ئەركىنلەر سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
كۈنپىڭ شىركىتى “1-ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ 3-تۈرىنى ئۆزگەرتىپ ئەخمەتجان ئەركىننى 949092.72 يۈەننى قوشۇپ تۆلەشكە، ئەركىن رەجەپنى يۇقىرىدىكى پۇلغا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە بۇيرۇپ بەرسە؛ 2-ئىككى دەرىجىلىك دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قارشى تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىشىگە بۇيرۇپ بەرسە. پاكىت ئاساسىمىز: ئەسلى سوت بىرقىسىم دېلو پاكىتىنى ۋە بىز كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتنى بېكىتىشى توغرا بولمىدى، ئەخمەتجان ئەركىن بىرىنچى سوتتا ئېتىراپ قىلمىغان چىرا ناھىيە نامىراتلارنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجىرىبە رايونى 1-قارا قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆينى ئىشلىگەن 8 نەپەر تۈر دېرىكتورىغا چىقىم قىلىنغان 887871.23 يۈەن مەسىلىسىدە: بىرىنچى سوت دېلوسىدا شىركىتىمىز سوتقا دەلىل-ئىسپات قاتارىدا تاپشۇرغان 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى يېغىن قارارى ۋە 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ قۇرۇلۇشنى ئىسپاتلاپ بولغاندىن كېيىن ئېمزا قويۇپ قۇرۇلۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدىكى ئسپاتلار مەزكۇر قۇرۇلۇشقا ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ۋە ئەخمەتجان ئەركىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن 3 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئەخمەتجان ئەركىنگە قالدۇرۇپ، 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ چالا ئىشلىرىنى باشقا 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ياردەملىشىپ قۇرۇلۇشنى ئىشلەيدىغان بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتكەن، شۇ ئەھۋالدا شىركىتىمىز ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلغان 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە قۇرۇلۇش پۇلىسىنى چىقىم قىلىشىمىز توغرا بولغان. يەنە كېلىپ بۇ پۇللار ئەخمەتجان ئەركىن ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغان، شۇڭا قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك 887871.23 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىنگە چىقىم قىلىپ بەرگەن قۇرۇلۇش پۇلى ھېسابىغا كىرگۈزۈپ ھېساب قىلىشنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار. ئەسلى سوت باشقا قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇش قىسمى، قۇرۇلۇش راسخۇدى قاتارلىقلاردىن ئەخمەتجان ئەركىننى خەۋەرلەندۈرمەي تۇرۇپ ياكى ئېمزاسى يوق ئەھۋالدا 887871.23 يۈەننى شىركىتىمىزنى ئۆز ئالدىغا چىقىم قىلغان دەپ بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس.
يەنە ئەخمەتجان ئەركىن ئېتىراپ قىلمىغان چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك چىقىم قىلىنغان 70000.00 يۈەن مەسىلىسىدە: ئەخمەتجان ئەركىن ئىزچىل مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ شىركىتىمىز بىلەن ھېساۋات قىلمىدى. يۇقىرىقى 70000.00 يۈەن خىش پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىم قىلىش تالونىغا ئەخمەتجان ئەركىن ئېمزا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى پۇل ئەخمەتجان ئەركىن ئىشلىگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلەتكەن خىش پۇلىسىغا ھېسابلاپ شىركىتىمىز خىش زاۋۇتىغا ئەخمەتجان ئەركىنگە ۋاكالىتەن چىقىم قىلغان. بۇ خىشنىڭ سانى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشقا كەتكەن خىش سانى ئۇدۇل، شۇڭا بۇ پۇلنى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ئىشلىگەن قۇرۇلۇش پۇلىسىغا كىرگۈزۈپ ھېساۋات قىلىشقا تېگىشلىك. شۇڭا ئەخمەتجان ئەركىننى يەنە 949092.72 يۈەننى قوشۇپ تۆلەشكە، ئەركىن رەجەپنى يۇقىرىقى پۇلغىمۇ قارىتا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى دەرىجىلىك سوتنىڭ دەۋا ھەققىنى قارشى تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىپ بەرسە.” دەپ نارازىلىق ئەرز بەردى.
ئەركىن رەجەپ “2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەيجىڭلى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كاپالەت بېرىشىمنى دېگەندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن. كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەت ئەركىن ئوتتۇرىسىدىكى ھېساۋات بىلەن مىنىڭ مۇناسىۋىتىم يوق. مەن ھېچقانداق كېپىللىككە قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالمەيمەن. مەن يازغان كاپالەتنامە كېپىللىك توختام شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان. نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ بەرسە” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئەخمەتجان ئەركىن “مەن ئەسلى سوتتا ئۆزۈم قول قويۇپ ئېمزا قويغانغا ئىگە بولدۇم. كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قۇبۇل قىلمايمەن. 70000.00 يۈەن قىش پۇلىسىنى ۋە باشقا قۇرۇلۇشقا خەجلىگەن پۇلدىن مەن پۇلنى ئالسام ئالدىم دەيمەن، 17 دانە ئەمىن ئۆينىڭ قۇرۇلۇش پۇلىسىدىمۇ مىنىڭ ئېمزايىم يوق پۇلنى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن. بىرىنچى سوتتا ئۇدۇللاشتۇرغان پۇلغا ئېمزا قويغانلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقىنى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئەركىن رەجەپ “بىرىنچى سوتنىڭ ماڭا چاتما جاۋابكارلىقنى بېكىتىشى توغرا بولمىدى، شۇڭا بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنىڭ 2-تارمىقىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، مىنى دەۋا سۇبىكتىدىن چىقىرۋىتىپ ھۆكۈم قىلىپ بەرسە.” دەپ نارازىلىق ئەرز بەردى.
كۈنپىڭ شىركىتى “ئەسلى سوت مەھكىمىسنىڭ دېلونىڭ پاكىتىنى بېكىتىپ ئەركىن رەجەپنى كېپىل دەپ بېكىتىپ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ ھۆكۈم قىلىشىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار، ئەركىن رەجەپنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ بەرسە.” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئەخمەتجان ئەركىن “دادام ئەركىن رەجەپنى چاتما جاۋابكارلىقتىن چىقىرىپ بەرسە. مەن ئۆز ئۈستىمگە ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى مەن ئۈستىگە ئالدىم، مەن تۆلەشكە تېگىشلىكنى مەن تۆلەي، دادام ئەركىن رەجەپنى كېپىللىكتىن چىقىرىۋىتىپ بەرسە. ئەركىن رەجەپنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنى قوللاپ ھۆكۈم قىلىپ بەرسە.” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
كۈنپىڭ شىركىتى بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، “1-ئەخمەتجان ئەركىننىڭ شىركىتىمىزدىن ئارتۇق ئېلىۋالغان تۈر پۇلىسى 1825933.13 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇپ بەرسە؛ 2-ئەركىن رېجەپ چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالسا؛ 3) دەۋا ھەققىنى قارشى تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇپ بەرسە” دەپ تەلەپ قىلغان.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق پاكىت بېكىتكەن: ئەخمەتجان ئەركىن 2015-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا كۈنپىڭ شىركىتىدە تۈر دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، كۈنپىڭ شىركىتى ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشلاردىن 8 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. يەنى (1) 2016-يىللىق يېزا كەنىت مۇلازىمەت مەركىزى، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، يەسلى قۇرۇلۇشى، ئىشخانا قۇرۇلۇشى ھەم نۇرى يېزا بۇزاڭ كەنتى، سارلۇڭ كەنتىدىكى ئامما مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇش تۈرىدە، ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 285256.64 يۈەن؛ (2) 2016-يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ياتاق قۇرۇلۇشى 1-قارار 1-بۆلەك قۇرۇلۇش تۈرىدە، كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 231112.1 يۈەن؛ (3) چىرا ناھىيە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى 1-قارار قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىدە ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 866931 يۈەن؛ (4) چىرا ناھىيە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى بىرىنچى بۆلەك قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى دامكۇ يېزا شورخانا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىدە ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 41125.87 يۈەن؛ (5) چىرا ناھىيە چاقار يېزا ئۇقۇ باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 8277 يۈەن؛ (6) چىرا ناھىيلىك چاقار يېزىسىدىكى خەلىققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 2258.39 يۈەن؛ (7) چىرا ناھىيىلىك تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ 3-بۆلەك قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 48427.67 يۈەن؛ (8) چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 26398.25 يۈەن بولۇپ، ئۇمۇملاشتۇرغاندا يۇقارىقى سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1193313.82 يۈەن، بەش تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 316473.41 يۈەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىچىدىكى 3-تۈرلۈك قۇرۇلۇش چىرا ناھىيە نامراتلارنى كۈچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى 1-قارار قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي (توختامدا 15 يۈرۈش، ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگىنى 20 يۈرۈش) قۇرۇلۇش تۈرىدە، كۈنپىڭ شىركىتى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىركەتتە يېغىن ئېچىش ئارقىلىق، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشى ئۈچۈن ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ 3 يۈرۈشىنى ئەخمەتجان ئەركىنگە قالدۇرۇپ، قالغان 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تۇرسۇنجان داۋۇت، ئالىمجان رۇزى قاتارلىق يەتتە تۈر دېرىكتورىنىڭ ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ تاماملىشنى قارار قىلغان ھەم تۇرسۇنجان داۋۇت، ئالىمجان رۇزى قاتارلىق يەتتە تۈر دېرىكتورىغا بۆلۈپ بەرگەن.
ئەركىن رېجەپنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوغلى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ كۈنپىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىدە تۈر دېرىكتورى ئىكەنلىكى، بۇندىن كېيىن كېلىپ چىققان بارلىق قۇرۇلۇش ھېسابات قەرزىگە قارىتا كېپىل بولىدىغانلىقى توغىرىسدا كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىغان، ئەخمەتجان ئەركىن 2015-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا كۈنپىڭ شىركىتىدە تۈر دېرىكتورى بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن 8 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ھەمدە يۇقارقى سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن 1193313.82 يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىسىنى ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، قالغان بەش تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە 316473.41 يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىسىنى چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسى»نىڭ 4-مادددىسىدىكى ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، تەڭ قىممەتلىك-ھەقلىق بولۇش، سەمىمى بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك دېگەن بەلگىلىمىسى، 92-ماددىسىدىكى قانۇنلۇق ئاساسى يوق تۇرۇپ ئورۇنسىز پايدا ئېلىپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار، ئالغان ئورۇنسز پايدىسىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، كۈنپىڭ شىركىتى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا ئەخمەتجان ئەركىن سوتتا يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئېتراپ قىلغان، كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1193313.82 يۈەندىن، شىركەت يەنە ئەخمەتجان ئەركىنگە بېرىشكە تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسى 316473.41 يۈەننى چىقىرۋەتكەندىن كېيىنكى سومما 876840.41 يۈەننىڭ پاكىت ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ، دېمەك ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتى تەلەپ قىلغان 1825933.13 يۈەندىن 876840.41 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ كۈنپىڭ شىركىتىگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك. كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ دەۋا تەلىپىدىكى قېپقالغان پۇل سوممىسى 949092.72 يۈەنگە قارىتا گەرچە كۈنپىڭ شىركىتى سوتتا ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن 3-تۈرلۈك قۇرۇلۇش يەنى چىرا ناھىيە نامراتلارنى كۈچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى 1-قارار قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىدە، شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يېغىن ئېچىش ئارقىلىق، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى باشقا تۈر دېرىكتورلىرىغا بۆلۈپ بەرگەنلىكىنى، مەزكۇر قۇرۇلۇشتا ئەخمەتجان ئەركىن ئېتىراپ قىلمىغان 887871.23 يۈەن دەل باشقا تۈر دېرىكتورلىرى ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ ئىشلىشىپ بەرگەن قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلىنغانلىقى، شۇڭا بۇ قۇرۇلۇش پۇلى چىقىمىنى ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش چىقىمى قاتارىغا ھېسابلاشقا بولىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن سوتتىكى تەرەپلەرنىڭ بايانىدىن قارىغاندا مەزكۇر قۇرۇلۇشنى شىركەت يېغىن ئېچىپ باشقا تۈر دېرىكتورلىغا بۆلۈپ بەرگەن ۋاقىتتا، مەزكۇر 20 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى ئۇل قۇرۇلۇشى پۈتۈپ بولغان بولۇپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ توختىمى بويىچە، ئەخمەتجان ئەركىننىڭ تاماملىغان قۇرۇلۇشى قانچىلىك، سوممىسى قانچىلىك، تاماملاپ بولغان قۇرۇلۇش قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىم قىلغان سومما ۋە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك سومما توغرىسىدا تەرەپلەر ئېنىق ھېساۋات قىلىشمىغان، بۇ توغرىسىدا يېغىن خاتىرىسىدىمۇ ئەكىس ئەتمىگەن. شۇنداقلا يېغىن خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلار ۋە شىركەتنىڭ سوتتىكى "باشقا تۈر دېرىكتورلىرى، ئەخمەتجانغا ياردەملىشىپ، ئەخمەتجاننىڭ نامىدا مەزكۇر قۇرۇلۇشنى تاماملايدۇ" دېگەن بايانىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تۈر دېرىكتورى يەنىلا ئەخمەتجان ئەركىن، شۇڭا مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك كىرىم چىقىم ئەھۋالىدىن ئەخمەتجان ئەركىننىڭ خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى بار شۇنداقلا باشقا تۈر دېرىكتورلىغا بۆلۈپ بېرىلگەن قۇرۇلۇش قىسمىغا قارتا چىقىم قىلىنغان پۇللار ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ئېمزا قويۇشى ياكى دەلىللىشى ئارقىلىق چىقىم قىلىنىشى كېرەك، بىراق شىركەت مەزكۇر قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، باشقا تۈر دېرىكتورلىرى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇش قىسمى، قۇرۇلۇش راسخۇدى قاتارلىقلاردىن ئەخمەتجان ئەركىننى خەۋەرلەندۈرمەي تۇرۇپ، ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ئېمزاسى يوق ئەھۋال ئاستىدا 887871.23 يۈەننى ئۆز ئالدىغا چىقىم قىلغان؛ چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدىمۇ، كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىن بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇش پۇلىنى ئۇدۇللاشتۇرمىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خەۋېرى يوق ئەھۋال ئاستىدا 70000 يۈەننى چىقىم قىلىۋەتكەن يەنى يۇقارقى ئىككى تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئەخمەتجان ئەركىننىڭ خەۋىرى يوق ئەھۋالدا چىقىم قىلىنغان پۇل سوممىسى 957871.23 يۈەن بولۇپ، كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ ئەسلى ئەرزنامىدىكى 1825933.13 يۈەننى تەلەپ قىلىمىز(شىركەتنىڭ ئەسلى ئەرزنامىسىدىكى دەۋا تەلىپىدە ئوتتۇرغا قويغان دەۋا نىشانى 1825933.13  يۈەن، سوتتا ھېسابلاپ چىققان ئەخمەتجان ئەركىنگە ئارتۇق چىقىم قىلىندى دېيىلگەن پۇل 1834711.65 يۈەن، ئەسلى ئەرزنامىدىكى دەۋا تەلىپىدىن 8778.52 يۈەن ئېشىپ كەتكەن) دېگەن پىكرى بويىچە، ئەخمەتجان ئەركىن ئېتىراپ قىلىپ، قېپقالغان 949092.72 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىن ئارتۇق ئېلىۋالدى دېيىشنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق. ئەركىن رېجەپنىڭ جاۋاپكارلىق مەسلىسدە، گەرچە ئەركىن رېجەپ سوتتا ئەينى ۋاقىتتا شىركەت مەسئۇلى مەتروزى جىڭلى مېنىڭ بالامغا كېپىل بولۇشىمنى، مەن كېپىل بولسام بالامنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى، كېپىل بولمىسام بالامنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى، بۇنى ئەخمەتجاننىڭ چوقىسىنى باسقىلى ئىشلىتىدىغانلىقى، مېنى ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى دېگەچكە، مەتروزى جىڭلىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ يېزىپ بەرگەن مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، مىنى جاۋاپكارلىقتىن چىقىرۋەتسە دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئەركىن رېجەپ مۇشۇ كاپالەتنامىنى يازغان ۋاقتىدا شىركەتتىكىلەر ئەخمەتجان ئەركىننىڭ قەرزلىرىنىڭ بەك كۆپلىكى توغرىسىدا ھېساۋات قىلىپ بەرگەن ھەمدە شىركەتتىكىلەردىن ئەخمەتجان ئەركىن قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىش جەريانىدا ئىگىز پەسلىك بارلىقىنى بىلگەن، شۇنداقلا شىركەتنىڭ ئەركىن رېجەپ كېپىل بولسا بالىسى ئەخمەتجان ئەركىننى داۋاملىق ئىشلىتىش شەرتىگە ئاساسەن مەزكۇر كاپالەتنامىنى يېزىپ بەرگەن بولۇپ، كاپالەتنامە مەزمۇنى بولسا ئەركىن رېجەپنىڭ بالىسى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ قۇرۇلۇش قەرزلىرىگە قارىتا كېپىللىك جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىدەك ھەقىقى مەقستىنى ئىپادىلىگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كېپىللىك قانۇنى»نىڭ 2-ماددا 2-تارمىقىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن كېپىللىك شەكلى كاپالەت، رەنە، گۆرۈ، قالدۇرۇپ قويۇش، ۋە زاكالەتتىن ئىبارەت دېگەن بەلگىلىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كېپىللىك قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 22-مادددىسىدىكى 3-كىشى ھەقدارغا ئۆز ئالدىغا كاپالەتنامە بەرگەندە، ھەقدار قوبۇل قىلغان ھەمدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، كاپالەت توختامى پۈتكەن بولىدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كېپىللىك قانۇنى»نىڭ 19-ماددىىسىدىكى ئالاقىدارتەرەپلەر كاپالەت ئۇسۇلى ئۈستىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، چاتما جاۋاپكارلىق كاپالىتى بويىچە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى، 21-ماددا 2-تارمىقىدىكى ئالاقدار تەرەپلەر كاپالەت كېپىللىكى دائىرىسى ئۈستىدە ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كاپالەت بەرگۈچى بارلىق قەرزدارلىق ئۈستىدە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەركىن رېجەپ ئەخمەتجان ئەركىننىڭ كۈنپىڭ شىركىتىگە قايتۇرۇشقا تېگشىلىك قۇرۇلۇش پۇلى 876840.41 يۈەنگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ قانۇنىي ئۇمۇمىي قائىدىسى»نىڭ 4-ماددىسى، 92-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كېپىللىك قانۇنى»نىڭ 2-مادددىسى، 19-ماددىسى، 21-ماددا 2-تارمىقى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كېپىللىك قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 22-مادددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 64-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلغان: 1-ئەخمەتجان ئەركىن شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىگە قايتۇرۇشقا تېگشىلىك قۇرۇلۇش پۇلىسى 876840.41 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ، مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ 30 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىگە تۆلەپ قايتۇرسۇن؛ 2-ئەركىن رېجەپ ئەخمەتجان ئەركىن شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىگە قايتۇرۇشقا تېگشىلىك قۇرۇلۇش پۇلىسى 876840.41 يۈەنگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالسۇن؛ 3-شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنىڭ باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن. دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 21233.40 يۈەندىن، 10196.60 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىن، ئەركىن رېجەپ، قېپقالغان 11036.80 يۈەننى شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
مەھكىمىمىز ئىككىنچى سوت قىلىش جەريانىدا، كۈنپىڭ شىركىتى يېڭى دەلىل-ئىسپات قاتارىدا تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتنى تاپشۇردى:
كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى: 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچى جەنلى لى بىڭيىڭنىڭ گۇۋاھلىق ئىسپاتى. بۇ ئارقىلىق نىمە سەۋەبتىن 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆينىڭ تاماملانمىغانلىقى كېيىن شىركەتنىڭ ئۆزى قايتۇرىۋىلىپ ئالىمجان روزى، تۇسۇنجان قاتارلىق 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشنى تاماملاپ تۈگەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئۆتمەكچى.
ئەركىن رەجەپ، يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ دەلىل-ئىسپات بىرىنچى سوتتا كۆرسىتىلمىگەن، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەننى بايان قىلدى.
ئەخمەتجان ئەركىن يۇقۇرىقى دەلىل-ئىسپاتنىڭ راستلىقىغا باشقا پىكىرىم يوق، مەزمۇنى قىسمەن ئىتىراپ قىلىمەن، بۇ 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆينىڭ چالا قۇرۇلۇشىنى 8 نەپەر تۈر دېرىكتورى قىلغان، مەن قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىنى تولۇق ئالمىغان 8 قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى قالغان قۇرۇلۇش پۇلنى ئېلىپ بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىغان دېگەننى ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقى، قانۇنلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر پارچە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق خېتى بولۇپ، كۈنپىڭ شىركىتى بىرىنچى سوت سوت مۇنازىرىسىدىن بۇرۇن تاپشۇرىشى كېرەك، ھەمدە ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق ئەھۋالدا گۇۋاھچى چوقۇم سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بىرىشى كېرەك. شۇڭلاشقا مەھكىمىمىز بۇ گۇۋاھلىق ئىسپاتنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىق كۈچى ۋە كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ ئىسپاتلاش مەقسىتىنى بىكىتمەيدۇ.
ئەركىن رەجەپ، ئەخمەتجان ئەركىن يېڭى دەلىل-ئىسپات تاپشۇرمىدى.
مەھكىمىمىز دەۋالاشقۇچىلار تالاش-تارتىش قىلغان پاكىتقا قارىتا، تۆۋەندىكىچە بېكىتتى:
ئەخمەتجان ئەركىن 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى، يەنى چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە ۋاكالىتەن تۆلەپ قويغان خىش پۇلى 70000 يۈەننى ئېتىراپ قىلدى.
يەنە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە، ئەخمەتجان ئەركىننىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى يوق تۇرۇپ، 2015-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ 2018-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، توختام تۈزۈش شەكلى بىلەن كۈنپىڭ شىركىتى ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشلاردىن 8 تۈرلۈك قۇرۇلۇش قانۇنسىز ھۆددىگە ئېلىپ مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە: 1-2016-يىللىق يېزا كەنىت مۇلازىمەت مەركىزى، ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى، يەسلى قۇرۇلۇشى، ئىشخانا قۇرۇلۇشى ھەم نۇرى يېزا بۇزاڭ كەنتى، سارلۇڭ كەنتىدىكى ئامما مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇش تۈرىدە، ئەخمەتجان ئەركىن، كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 285256.64 يۈەن؛
2-2016-يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ياتاق قۇرۇلۇشى 1-قارار 1-بۆلەك قۇرۇلۇش تۈرىدە، كۈنپىڭ شىركىتى، ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 231112.1 يۈەن؛
3-چىرا ناھىيە نامراتلارنى كۈچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى 1-قارار قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىدە، ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 866931 يۈەن؛
4-چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 43601.75 يۈەن؛
5-چىرا ناھىيە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى بىرىنچى بۆلەك قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى دامكۇ يېزا شورخانا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىدە، ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 41125.87 يۈەن؛
6-چىرا ناھىيە چاقار يېزا ئۇقۇ باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 8277 يۈەن؛
7-چىرا ناھىيلىك چاقار يېزىسىدىكى خەلىققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 2258.39 يۈەن؛
 8-چىرا ناھىيىلىك تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ 3-بۆلەك قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ 48427.67 يۈەن.
يۇقارقى سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1236915.57 يۈەن، بەش تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە يەنە چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 290074.89 يۈەن بولغان.
يۇقارقى 8 تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىچىدىكى، 3-تۈرلۈك قۇرۇلۇش چىرا ناھىيە نامراتلارنى كۈچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى 1-قارار قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي(توختامدا 15 يۈرۈش، ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگىنى 20 يۈرۈش) قۇرۇلۇش تۈرىدە، كۈنپىڭ شىركىتى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىركەتتە يېغىن ئېچىش ئارقىلىق، مەزكۇر 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشى ئۈچۈن، ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ 3 يۈرۈشىنى ئەخمەتجان ئەركىنگە قالدۇرۇپ، 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ چالا قۇرۇلۇشىنى تۇرسۇنجان داۋۇت، ئالىمجان رۇزى قاتارلىق 8 قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى(قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى بار تۈر دېرىكتورىمۇ بار)، ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ تاماملىشنى قارار قىلغان ھەم تۇرسۇنجان داۋۇت، ئالىمجان رۇزى قاتارلىق 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىگە بۆلۈپ بەرگەن.
ئەركىن رېجەپ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوغلى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ كۈنپىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىدە بۇندىن كېيىن كېلىپ چىققان بارلىق قۇرۇلۇش ھېسابات قەرزىگە قارىتا كېپىل بولىدىغانلىقى توغرىسدا كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن.
يۇقىرىدىكى پاكىتنى بىرىنچى سوت مەھكىمىسى سوت ئۈستىدە يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن دەلىل-ئىسپاتلار شۇنداقلا دەلىل-ئىسپاتلىق كۈچى بېكىتىلگەن دەلىل-ئىسپاتلار، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانى، ئىككىنچى سوتتا ئەخمەتجان ئەركىن ۋە كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى ئېمزا قويۇپ ئىتىراپ قىلغان، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى 70000 يۈەننىڭ بانكا ئىلىكتىرونلۇق قايتۇرما تالۇنى ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى>نى تەدبىقلاشتىكى ۋاقىت كۈچى توغىرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بۇ دېلونى بىرتەرەپ قىلىشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئىشلىتىپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.
مەھكىمىمىز ئېنىقلىغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسلانغاندا، دېلودا گەرچە ئەخمەتجان ئەركىن ئۆزىنىڭ كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك پۇلىسىنى بالانىس قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ قارشى ئەرز بەرمىگەن بولسىمۇ، دېلونى ئۈنۈملۈك بىر يولدا بىرتەرەپ قىلىش، كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ھوقوق مەجبۇرىيىتى ۋە ھېسابلارنىڭ ئىنىق بولىشى، يەنە دەۋا قىلىپ ئەدىلىيە ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئاساسىدا، تەرەپلەر بىرىنچى سوتتا ئۆز-ئارا ھېساب ئۇدۇللاشتۇرغان، ھەمدە ئەخمەتجان ئەركىن ئىككىنچى سوتتا 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە، كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە ۋاكالىتەن تۆلەپ قويغان خىش پۇلى 70000.00 يۈەننى ئىتىراپ قىلدى، شۇڭلاشقا چىرا ناھىيە يېڭى تەرەققىيات ئېچىش رايونى يېڭى مەكتەپ قورشاۋ تام قۇرۇلۇش تۈرىدە ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 43601.75 يۈەن بولغان، كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 26398.25 يۈەن ئازايغان دەپ بېكىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 8 تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا، ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1236915.57 يۈەن، كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە بىرىشكە تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 290074.89 يۈەن بولغان.
«ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 92-ماددىسىدا قانۇنلۇق ئاساسى يوق نامۇۋاپىق پايدا ئېلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالغان نامۇۋاپىق پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىش كېرەك» دېگەن ماددسىغا ئاساسەن، ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1236915.57 يۈەن ۋە كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىنگە بىرىشكە تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 290074.89 يۈەننى ئۆز-ئارا بالانىس قىلغاندىن كېيىن، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇشتا ئەخمەتجان ئەركىن كۈنپىڭ شىركىتىدىن ئارتۇق ئېلىۋالغان نامۇۋاپىق پايدا پۇلى 946840.68 يۈەن بولغان، شۇڭا ئەخمەتجان ئەركىن قانۇنلۇق ئاساسى يوق نامۇۋاپىق پايدا پۇلى 946840.68 يۈەننى كۈنپىڭ شىركىتىگە قايتۇرۇپ بىرىشى كېرەك.
كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ نارازىلىقىدا ئوتتۇرغا قويغان، چىرا ناھىيە نامىراتلارنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجىرىبە رايونى 1-قارا قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆينىڭ چالا قۇرۇلىشىنى ئىشلىگەن 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە چىقىم قىلغان 887871.23 يۈەن مەسىلىسىدە: توختام تۈزۈشكۈچى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ھوقوق مەجبۇرىيەت، توختام تۈزۈشكۈچىلەرگە قارىتا چەكلەش كۈچى بولۇپ، توختامدىكى مەزمۇننى توختام سىرتىدىكى 3-كىشىگە ئادا قىلىشتا تەرەپلەر ئالدىن پۈتۈشكەن ياكى ئادا قىلغاندىن كېيىن توختامدىكى تەرەپلەرنىڭ بىكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بىرىنچى سوت تەرەپلەرنى يېتەكلەپ، ھېساۋات ئۇدۇللاشتۇرغاندا ۋە ئىككىنچى سوتتا، ئەخمەتجان ئەركىن 887871.23 يۈەننىڭ ئۆزىگە چىقىم بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. كۈنپىڭ شىركىتى دەۋا ئەرزى ۋە نارازىلىق ئەرزىدە چىرا ناھىيە نامىراتلارنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش تەجىرىبە رايونى 1-قارا قۇرۇلۇش تۈرى ئىچىدىكى بەشىنچى بۆلەك يېڭىدىن سېلىنىدىغان 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىنى ئەخمەتجان ئەركىن مەسئۇل بولۇپ، ئىشلىگەن دەپ ئوتتۇرغا قويغان، شۇڭا بۇ 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا، توختام تۈزۈشكۈچى كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۈنپىڭ شىركىتى ۋە ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمىنىڭ نىسپىيلىكىگە ئاساسەن، بۇ 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ھېساۋاتى كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن بىۋاستە قىلىش كېرەك. يەنە كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ يېغىن خاتىرسى ۋە دەۋا ئەرزىدىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندا 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن 20 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش توختىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. گەرچە ئەخمەتجان ئەركىن 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ پۈتكۈزگەن قۇرۇلۇشىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويسىمۇ، بىراق 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى چالا قالغان قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكۈزگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن ئوتتۇرسىدىكى ھوقوق مەجبۇريەت شەكىللەنگەن. كۈنپىڭ شىركىتى، 8 نەپەر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئەخمەتجان ئەركىنگە ياردەملىشىپ 17 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ چالا قالغان ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا شەكىنلەنگەن قۇرۇلۇش پۇلى 887871.23 يۈەن چىقىم قىلىشتا ئەسلى توختام تۈزۈشكۈچى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى ياكى ۋاكالىتەن چىقىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان ئەركىننىڭ بىكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇڭلاشقا كۈنپىڭ شىركىتى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمىگەن ياكى چىقىم قىلغاندىن كېيىن ئىتىراپ قىلىشىدىن ئۆتمىگەن 887871.23 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىنگە ئارتۇق چىقىم قىلغان پۇل قاتارىدا تەلەپ قىلىشىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق رەت قىلىشى كېرەك.
ئەركىن رەجەپنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، گەرچە ئەركىن رېجەپ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوغلى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ كۈنپىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىدە بۇندىن كېيىن كېلىپ چىققان بارلىق قۇرۇلۇش ھېسابات قەرزىگە قارىتا كېپىل بولىدىغانلىقى توغرىسدا كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەركىن رەجەپنىڭ بۇ كاپالەتنامىسىدىن كېپىللىك شەكىللەنمەيدۇ، چۈنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى كېپىللىك قانۇنى»نىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كېپىللىك توختىمى بولسا ئاساسى توختامنىڭ بېقىندى توختىمى بولۇپ، ئاساسى توختام شەكىللەنگەن ۋاقىتتا شەكىللىنىدىغان، كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدىغان توختام، ئاساسىي توختام بولسا كېپىللىك توختىمىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ۋۇجۇتقا چىقىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا توختام قانۇنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، ئەركىن رەجەپنىڭ كېپىللىكى ۋۇجۇتقا چىقىشتىكى ئاساس بولسا، كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەتجان ئەركىن ئوتتۇرسىدا ئاساسى ھەقدارلىق قەرزدارلىق توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇشى كېرەك. كۈنپىڭ شىركىتى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ، ئەركىن رېجەپ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈنپىڭ شىركىتىگە كاپالەتنامە يېزىپ بەرگەن ۋاقىتتا كۈنپىڭ شىركىتى بىلەن ئەخمەت ئەركىن ئوتتۇرسىدا قەرزدارلىق توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەنلىكى يەنى ئەخمەتجان ئەركىننىڭ كۈنپىڭ شىركىتىگە قەرز بولغانلىقى، ئەركىن رەجەپ ئۆزىنىڭ قانچە پۇلغا كېپىل بولىدىغانلىقى، قەرز مۇددىتىنىڭ قاچان توشىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. شۇڭلاشقا دېلوغا مۇناسىۋەتلىك كېپىللىك توختام مۇناسىۋىتى، مەيلى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي مەقسەت ئىپادىسى ياكى كېپىللىكنىڭ شەكلى ۋە كېپىللىك پۈتۈمىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بولسۇن، بۇ ئەركىن رەجەپنىڭ ھەقىقى مەقسەت ئىپادىسى ئەمەس، ھەمدە بۇ خىلدىكى كېپىللىك دۆلىتىمىزنىڭ كېپىللىك قانۇن تۈزىمىگە خىلاپ. شۇڭا مەزكۇر دېلودىكى ئەركىن رەجەپنىڭ كېپىللىكنى ئىناۋەتسىز دەپ بېكىتىش كېرەك. ئەركىن رەجەپ بۇ دېلودا كېپىللىك مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دېلودا يېڭى پاكىت بار بولۇپ، كۈنپىڭ شىركىتىنىڭ قىسمەن نارازىلىقىنىڭ ئاساسى بار، ئاساسى بار قىسمىنى قوللاشقا بولىدۇ، ئاساسى يوق قىسمىنى رەت قىلىش كېرەك. ئەركىن رەجەپنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئاساسى بار قوللاش كېرەك. بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە قىسمەن پاكىتنى بېكىتىشى توغرا بولغان بولسىمۇ، دېلونى بىرتەرەپ قىلىش توغرا بولمىغان. شۇڭا ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 170-ماددىسى 1-تارماق 3-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3225 ھ د 347-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمى كۈچتىن قالدۇرۇلسۇن؛
2-ئەخمەتجان ئەركىن مەزكۇر ھۆكۈمنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىگە 946840.68 يۈەننى قايتۇرسۇن؛
3-شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنىڭ باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن.
ئەگەر ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە كېچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.
بىرىنچى سوت دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 21233.4 يۈەندىن، 11010.62 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىن ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 10222.78 يۈەننى شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
ئىككىنچى سوت دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىدىن، شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ئالدىن تاپشۇرغان 13290.93 يۈەندىن، 980.27 يۈەننى ئەخمەتجان ئەركىن ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 12310.66 يۈەننى شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن. ئەركىن رەجەپ ئالدىن تاپشۇرغان 12563.4 يۈەننى، شىنجاڭ كۈنپىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
بۇ ھۆكۈم ئاخىرىقى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ.
 
 
 
                              باش سوتچى    نۇرنىسا ئابدۇللا
                              سوتچى       رەيھانگۈل تۇرغۇن
                              سوتچى مەمەتئابلا تۇرسۇنتوختى
 
 
 
                              2021-يىل  11-ئاينىڭ  25-كۈنى
 
                                   پۈتۈكچى       ئايپەرى ئەركىن