墨玉县富和水利水电工程建筑安装有限责任公司

某某县富和水利水电工程建筑安装有限责任公司某某提·某某提建设工程施工合同纠纷民事二审民事判决书

来源:中国裁判文书网
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
 
 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2021) ش 32 ھ ئا 407-نومۇرلۇق
 
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى (ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار، قارشى ئەرزدىكى دەۋاگەر): قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئادىرسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قاراقاش ناھىيە گۇزە يۇلى 24-نۇمۇر.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى: ئابدۇللا سادىر، شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئېزىز ئىمىن، شىنجاڭ ۋولقان ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: خەرنىسا مەتتۇسۇن، شىنجاڭ ۋولقان ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر، قارشى ئەرزدىكى جاۋابكار): ئەخمەت ماخمۇت، ئەر، 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى خوتەن شەھىرى نۇرباغ كۇچا باشقارمىسى شىمالى تاناي يۇلى 23-نۇمۇر 2-كۇرپۇس 3-ئىشىك 402-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ فۇخې شىركىتى دېيلىدۇ)، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئەخمەت ماخمۇت بىلەن بولغان قۇرۇلۇش توختام ماجىراسى دېلوسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3222 ھ د 1864-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچۇق سوتتا ئېچىپ قاراپ چىقتى، دېلوغا تەرەپلەر ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى كېلىپ سوتقا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
فۇخې شىركىتى “بىرىنچى سوت ھۆكۈمنامىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، ئەخمەت ماخمۇتنىڭ بىرىنچى سوتتىكى دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىپ بەرسە. پاكىت ئاساسىم: بىرىنچى سوت مەزكۇر دېلونىڭ پاكىتىنى بىكىتىشى توغرا بولمىدى، شىركىتىمىز 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش پونكىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ياۋا يېزا ئاقچال كەنتى 8-توختام بۆلىكىنىڭ سۇ تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئالغان، كېيىن ئەخمەت ماخمۇتنىڭ تەلىپى بىلەن مەزكۇر سۇ تېمىتىپ سۇغىرىش قۇرۇلۇش ئىشلىرى توغرىلۇق ئاغىزاكى كېلىشىپ، ئەخمەت ماخمۇت مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن، شىركىتىمىز ئەخمەت ماخمۇتنىڭ ئادەم ئىش ھەققى ۋە ماتىريال ھەققىنى ۋاقتىدا بىرىپ كەلگەن، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 4789000.00 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شىركىتىمىز تۇتۇپ قېلىشقا تىگىشلىك %7 باشقۇرۇش ھەققى 335230.00 يۈەن ۋە شىركىتىمىز باج مەمۇرى تارماقلىرىغا تۆلىگەن باج پۇلى 625351.4 يۈەننى چىقىرۋەتكەندە ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى جەمئىي 3828418.86 يۈەن بولۇپ، شىركىتىمىز بۇ پۇلنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىپ بولدۇق، لېكىن ئەخمەت ماخمۇت پۈتۈم بويىچە قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا تۇلۇق تاماملىمىدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەنە 15 تۈرلۈك ئىشلىرى چالا قالغان بولۇپ، بۇ چالا قۇرۇلۇشنى تاماملاشقا يەنە 650000.00 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز ئەخمەت ماخمۇتقا قۇرۇلۇش پۇلىسى تۆلەش ئەمەس بەلكى پۈتۈم بويىچە چالا قالغان قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرشى ياكى پۈتتۈرۈشكە كېتەرلىك چىقىمنى شىركىتىمىزگە تۆلەش كېرەك ئىدى. بىرىنچى سوت پاكىتنى خاتا بىكىتىپ شىركىتىمىزنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىدى، شۇڭا ئەخمەت ماخمۇتنىڭ دەۋا ئەرزىنى رەت قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ بەرسە” دەپ نارازىلىق ئەرز بەردى.
ئەخمەت ماخمۇت “فۇخې شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىدىكى باج تەرەپلەر ھېسابات قىلغان ھېساباتقا كىرىپ بولغان، بۇ قۇرۇلۇشنى مەن ھۆددىگە ئالمىغان مەن پەقەت ئىشلەمچى، باشقۇرۇش ھەققى توغرىسىدا بىزنىڭ ئارىمىزدا كېلىشىم يوق، شۇڭا سوت مەھكىمىسى رەت قىلىپ بەرسە. چالا قۇرۇلۇشنى تامامالاشقا يەنە 650000.00 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ دېگەن تەلىپىگە قارىتا تەپسلىي ھېساۋاتى ۋە دەلىل ئىسپاتى يوق، مەن شىركەت بۇيرىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغان، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈپ بىرىلىپ بولدى، شۇڭلاشقا نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بەرسە” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئەخمەت ماخمۇت بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ “1-جاۋابكارنى دەۋاگەرگە قۇرلۇش پۇلى 1387785 يۈەننى تۈلەشكە بۇيرۇپ بەرسە؛ 2-جاۋابكاردىن دەۋاگەرگە يۇقارقى پۇلنى كىچىكتۈرۈش مەزگىلىدىكى ئۈسۈمى ئۈچۈن (2018-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە) 133154 يۈەن جەمئى 1520939 يۈەننى ئىلىپ بەرسە ھەمدە قۇرلۇش پۇلىنى بەرگەنگە قەدەركى ئۈسۈمىنى جاۋابكار ئۈستىگە ئالسا. پاكىت ئاساسىم: 2017-يىلى 6-ئايدا جاۋابكار قاراقاش ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سۇ ئىدارىسى دېيلىدۇ) بىلەن توختاملىشىپ ياۋا يېزا ئاقچال كەنتە 8 توختام بۈلۈكى سۇ تېمىتىپ سۇغۇرۇش قۇرلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن مەن بۇ قۇرلۇشى جاۋابكارنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى ئابدۇللا سادىرنىڭ ئوغلى ئېزىز ئابدۇللا بىلەن ئېغزاكى پۈتۈم قىلىپ تۇلۇق ھۇقۇقلۇق ھۆددە ئېلىپ قۇرلۇش قىلغان، دەۋاگەر 2018-يىلى 9-ئايدا قۇرلۇشنى سۇ ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەتچى ئۇرۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ مۇپەتتىش قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، سۇ ئىدارىسى 4789000 يۈەن قۇرلۇش پۇلىدىن فۇخې شىركىتىگە 4485000 يۈەننى بىرىپ بولغان، جاۋابكار بۇ پۇلدىن 3097215 يۈەننى بەرگەن ھەمدە بۇ پۇلنى چىنباغ ساقچىخانىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە جاۋابكار تەرەپنىڭ بۇغالتىرى تۇدىمەمەت ۋە دەۋگەر ئەخمەت ماخمۇتنىڭ تەكلىپىك بۇغالتىرى مەخپىرەتخاننىڭ ھىساپلىشى ھەم گۇۋاھچىلىقى ئاستىدا دەۋاگەرگە تاپشۈرۈپ بەرگەنلىكى ئىنىقلانغان، قالغان 1387785 يۈەن قۇرلۇش پۇلىنى جاۋابكار تەرەپ ھازىرغىچە بەرمىگەن، شۇڭا سوت مەھكىمىڭىزلارنىڭ دەۋا تەلىپىمنى قوللاپ يەكۈن چىقىرىپ بىرىشىڭىزلارنى سۇرايمەن” دەپ تەلەپ قىلغان.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق پاكىت بېكىتكەن: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋابكار، تەرەپ سۇ ئىدارىسى بىلەن توختاملىشىپ ياۋا يېزا ئاقچال كەنتە 8-توختام بۆلىكى سۇ تېمىتىپ سۇغۇرۇش قۇرلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ قۇرلۇش تۈرىنى دەۋاگەر ئەخمەت ماخمۇت بىلەن جاۋابكار شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ئېزىز ئابدۇللا يېزىقچە توختام ئىمزالىماي دەۋاگەرنىڭ ئىشلىشىگە ھۆددە بەرگەن، جاۋابكار تەرەپ دەۋاگەر ئىشلىگەن يۇقارقى قۇرلۇشنىڭ پۇلىغا قارتا نەخ پۇل بىرىش، ماتىريال بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇل چىقىم قىلىپ كەلگەن، مەزكۇر قۇرلۇش تۈرىنىڭ توختامدىكى باھاسى 4789000 يۈەن بۇلۇپ مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كىيىنكى باھاسى 4208760.37 يۈەن بولغان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى قۇرلۇش پۇلى توغرىسىدا جىدەل ماجرا تۇغۇلۇپ دەۋالاشقۇچىلار قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چىنىباغ ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئىككى تەرەپ بىردىن بۇغالتىر تەكلىپ قىلغان ئاساستا ھىساپلاشتۇرۇلغان ھەمدە ھىسابات خاتىرسىنىڭ ئاخىرىغا يىڭىدىن تېپىلغان ھۆججەت چىقىپ قالسا دەۋاگەرنىڭ ئىگە بۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىساۋات ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بىرىنچى سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ قۇشۇلىشىغا ئاساسەن ئوتتۇردىكى ھىساۋات ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ۋاقىت بەرگەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى دەۋالاشقۇچىلار تەكلىپ قىلغان مەخسۇس بۇغالتىرلارنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قايتىدىن ھىساباتنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ چىققان، بۇ ۋاقىتتا دەۋاگەر ئەخمەت ماخمۇتنىڭ جاۋابكار تەرەپتىن مەزكۇر قۇرلۇش پۇلى ئۈچۈن نەخ پۇل، قۇرلۇش ماتىريالى، باج پۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرلۇش پۇلىنىڭ 3292666 يۈەن ئىكەنلىكى ئۇدۇللاشتۇرلۇپ ھىساۋات خاتىرسىگە ئىككى تەرەپ قۇشۇلۇپ ئىمزا قويغان، قاراقاش ناھىيەلىك سۇباشقۇرۇش باش پونكىتى مەزكۇر قۇرلۇشنىڭ مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كىيىنكى باھاسى بۇيىچە بىرىشكە تىگىشلىك 4208760.37 يۈەننى جاۋابكار تەرەپكە تۇلۇق بەرگەن، دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا توختام باھاسى بۇيىچە پۇل تۈلەش ياكى مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كىيىنكى باھا بۇيىچە پۇل تۈلەش توغرىسىدا ئىنىق پۈتۈم يوق بۇلۇپ قۇرلۇشنىڭ مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كىيىنكى باھاسى 4208760.37 يۈەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان 3292666 يۈەننى بالانىس قىلغاندا جاۋابكارنىڭ زىلمىدا قۇرلۇش پۇلىدىن 916094.37 يۈەن قالغان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا 1-جاۋابكار تەرەپ شىركەت خىزمەتچىسى ئېزىز ئابدۇللا ھۆججەتسىز بەرگەن دىگەن 210000 يۈەن. 2-قۇرلۇش پۇلىدىن %7 بۇيىچە تۈلەشكە تىگشىلىك باشقۇرۇش ھەققى 335230 يۈەن،3-2017-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى يېزىلغان ھۆججەتتىكى 100000 يۈەن، 72000 يۈەن سىمۇنىتچىسى ئارقىلىق دەپ خاتىرلەنگەن 100000 يۈەن ئۇدۇللاشمىغان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئۇدۇللاشمىغان يۇقارقى 3 تۈرلۈك پۇلنى دەۋاگەر ئەخمەت ماخمۇت ئېتىراپ قىلمىغان بۇلۇپ سوتتا ئۇدۇللاش ئارقىلىق تەكشۈرگىنىمزدە: 1-تۈردىكى 210000 يۈەنگە قارتا جاۋابكار تەرەپ كۆرسەتكەن ئىسپات يىتەرلىك ئەمەس، يەنى سىن لىنتىسىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش خاتىرسى يوق، سىن لىنتىسى بىلەن جاۋابكارنىڭ ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋەكالەتچىسى تەرپىدىن ئېلىنغان سۆھبەت خاتىرسىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار، پۇل بەرگۈچى نەخ مەيداندا گۇۋاھلىق بەرمىگەن. 2-تۈردىكى باشقۇرۇش ھەققى 335230 يۈەننى كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى كىرەكلىكى توغرىسىدا دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا پۈتۈم يوق. 3-تۈردىكى 172000 يۈەندىن 72000 يۈەن ئىككى تەرەپنىڭ ھىساۋات خاتىرسىدە ئۇدۇللاشتۇرۇلغان، قالغان 100000 يۈەننى دەۋاگەر ئېتىراپ قىلمىغان، بۇ ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تاپشۇرۇلمىغان، جاۋابكارنىڭ زىلمىدا قۇرلۇش پۇلىدىن بەرمەي قالغان 916094.37 يۈەنگە دەۋاگەر تەلەپ قىلغان ئۈسۈم 133154 يۈەن ئۈسۈمدىن تىگىشلىك قىسمى 87896.6 يۈەن بولغان، جاۋابكار تەرەپ قارشى تەرەپتىن ئارتۇق ئېلىۋالغان قۇرلۇش پۇلى 641571.14 يۈەنگە چالا قالغان قۇرلۇش پۇلى 650000 يۈەننى قۇشۇپ جەمئى 1291571.14 يۈەننى ئېلىپ بەرسە دەپ قارشى ئەرز بەرگەن بولسىمۇ ئىككى قېتىملىق قارشى دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش ئۇختۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۇرۇقلۇق دېلو نەتىجىسى چىققانغا قەدەر قارشى دەۋا ھەققى تاپشۇرمىدى.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق قاراپ، قۇرلۇش قىلىش توختامى يېزىقچە تۈزۈلىشى تەلەپ قىلىندىغان توختام بۇلۇپ دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا قۇرلۇشنىڭ پۇل تۈلەش باھاسى، باج پۇلى، باشقۇرۇش ھەققى، ئەمگەك كاپالەت ھەققى قاتارلىقلارنى قانداق ھىساپلاش توغرىسىدا دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدا يېزىقچە ياكى ئاغزاكى پۈتۈم يوق، قۇرلۇش پۇلىنى ھىساپلاشتا ئادىل بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە قۇرلۇشنىڭ مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كىيىنكى باھاسىنى ئاساس قىلىش ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 153-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە ئىنىقلانغان بىرقىسىم پاكىت ئۈستىدە ئالدىن ھۈكۈم قىلىش تەرتىپى بۇيىچە جاۋابكار تەرەپ زىلمىدا قالغان قۇرلۇش پۇلىدىن بەرمەي قالغان 916094.37 يۈەنگە دەۋاگەر ئۈزى تەلەپ قىلغان ئۈسۈمنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە تىگىشلىك ئۈسۈمى 87896.6 يۈەننى قۇشۇپ دەۋاگەرگە تۈلىشى كىرەك. جاۋابكار تەرەپ 1291571.14 يۈەنگە قارشى ئەرز بەرگەن بولسىمۇ ئىككى قېتىملىق قارشى دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش ئۇختۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۇرۇقلۇق دېلو نەتىجىسى چىققانغا قەدەر قارشى دەۋا ھەققى تاپشۇرمىغاچقا قارشى دەۋادىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىش كىرەك دەپ قارايدۇ. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 490-ماددا، 509-ماددا، 577-ماددا، 578-ماددا، 788-ماددا، 807-ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى ھەقتەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 64-ماددىسى، 70-ماددا 1-مەزمۇنى، 71-ماددىسى، 118-ماددا 1-مەزمۇنى، 153-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ھەقتەلەپ دەۋا دەلىل-ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگۈلىمىسى»نىڭ 1-ماددا، 2-ماددا، 7-ماددا، 15-ماددا، 64-ماددا، 73-ماددا، 76-ماددىسىغا ئاساسەن تۈۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلغان: 1- قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 916094.37 يۈەنگە 87896.6 يۈەن ئۈسۈم قۇشۇپ جەمئى 1003990.97 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ بۇ ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىنكى 15 كۈن ئىچىدە دەۋاگەر ئەخمەت ئەھەتكە تۈلىسۇن؛ 2- ئەخمەت ئەھەتنىڭ باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن؛ 3- قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قارشى دەۋا تەلىپى ئۆزلىكىدىن دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنسۇن. دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 18488.46 يۈەندىن ئەخمەت ماخمۇت 9244.23 يۈەن ئالدىن تۈلىگەن بۇلۇپ تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك دەۋا ھەققى 9244.23 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇت ئىجرا باسقۇچىغا كىرىشتىن بۇرۇن تۇلۇقلاپ تاپشۇرسۇن، ئۇمۇمى دېلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 18488.46 يۈەندىن 12204.46 يۈەننى تەرەپ ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 6284 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇت ئۈستىگە ئالسۇن.
ئىككىنچى سوت جەريانىدا فۇخې شىركىتى يىڭى دەلىل ئىسپات قاتارىدا تۆۋەندىكى دەلىل ئىسپاتنى تاپشۇردى.
فۇخې شىركىتىنىڭ تاپشۇرغان بىرىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ئەھۋال چۈشەندۈرشنامە، پۇل قايتۇرۇش تالۇنى. بۇ دەلىل ئىسپات ئارقىلىق قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى فۇخې شىركىتىگە قۇرۇلۇش پۇلىسىنى ئارتۇق تۆلىدۇق دەپ 279507.63 يۈەننى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ئېلىپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن، بۇنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن تۇتۇپ قېلىش كېرەك دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئەخمەت ماخمۇت يۇقۇرىقى دەلىل ئىسپاتقا جاۋاب بىرىپ، ئارتۇق تۆلەنگەن پۇلنى سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىغا قايتۇرغان بولسا، فۇخې شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز فۇخې شىركىتىنىڭ بىرىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتىنىڭ قانۇنلىقى، راستلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇ، بىراق قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى فۇخې شىركىتىگە قۇرۇلۇش پۇلىسىنى ئارتۇق تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پۇل قۇرۇلۇش پۇلىسىنىڭ ئىچىدە ئەمەس، شۇڭلاشقا بۇ دەلىل ئىسپات بۇ دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقى يوق، شۇڭلاشقا بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ دەلىل ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكىتىشكە بولمايدۇ، فۇخې شىركىتىنىڭ ئىسپاتلاش مەقسىتىنىمۇ بىكىتمەيدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ تاپشۇرغان ئىككىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتى: قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2020)ش 3222 ھ د 1579-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) 319-نومۇرلۇق ئىجراغا دېلوسىغا قارىتا پۇل تاپشۇرۋېلىش راسچوت تالۇنى. بۇ دەلىل ئىسپات ئارقىلىق ئەخمەت مەخمۇت يۈەنشى شىركىتىگە تۆلەشكە تىگىشلىك 344158 يۈەننى، يۈەنشى شىركىتى بىزدىن دەۋا ئارقىلىق تۆلىتىۋالدى. بۇنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن تۇتۇپ قېلىش كېرەك دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئەخمەت ماخمۇت يۇقۇرىقى دەلىل ئىسپاتقا جاۋاب بىرىپ، فۇخې شىركىتى يۈەنشى شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈشكەن، كىم بىلەن توختام تۈزۈشكەن بولسا شۇ پۇلنى تۆلىشى كېرەك. مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز فۇخې شىركىتىنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتىنىڭ قانۇنلىقى، راستلىقىنى ۋە دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇ، شۇنداقلا بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچى ۋە فۇخې شىركىتىنىڭ ئىسپاتلاش مەقسىتىنى بىكىتىدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ تاپشۇرغان ئۈچۈنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتى: مەھكىمەڭلار چىقىرىپ بەرگەن دەلىل ئىسپات ئالدۇرۇش ئالاقىسىگە ئاساسەن، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن قايتۇرما جاۋاب، 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقچىفىل كەنتى كومىتىتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات، بۇ ئارقىلىق، قۇرۇلۇشنىڭ چالا قالغانلىقىنى، تېخې پۈتۈپ تاماملانمىغانلىقىنى، ئاقچىغىل كەنتى كومىتىتىغا 67000 يۈەنلىك ماتىريال تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ پۇلنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك پۇلدىن چىقىرۋېتىشكە تىگشلىك دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئەخمەت ماخمۇت يۇقۇرىقى دەلىل ئىسپاتقا جاۋاب بىرىپ، قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چىقرىىپ بەرگەن قايتۇرۇلما جاۋابىنىغا پىكىرىم يوق، ئىتىراپ قىلىمەن، كەنتە كومىتىتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات بىلەن بۇ دېلونىڭ مۇناسىۋىتى يوق دەپ جاۋاب بەردى.
مەھكىمىمىز فۇخې شىركىتىنىڭ ئۈچۈنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتىدىكى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن قايتۇرۇلما جاۋابىغا قارىتا تەرەپلەرنىڭ باشقىچە پىكىرى يوق، مەھكىمىمىز مەزكۇر دەلىل ئىسپاتنىڭ دەلىل ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكىتىدۇ. ئاقچىغىل كەنتى كومىتىتى چىقرىىپ بەرگەن ئىسپاتى بولۇپ، بۇ ئىسپاتتا فۇخې شىركىتى ئىسپاتلىماقچى بولغان 67000 يۈەن دېگەن مەزمۇن يوق، شۇڭلاشقا بۇ دەلىل ئسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكىتمەيدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ تاپشۇرغان تۆتىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قادىر ماخمۇت يېزىپ بەرگەن ئىسپاتى، بۇ ئارقىلىق قۇرۇلۇش ھازىرغىچە پۈتۈپ تاماملانمىغانلىقى، شۇنداقلا چالا قالغان قۇرۇلۇشنى قىلىش ئۈچۈن 86500 يۈەن كەتكەنلىكى، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇبۇل قاسىم يېزىپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە تاماملانمىغان قۇرۇلۇشنىڭ قىممىتى 608000 يۈەن، بۇنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن تۇتۇپ قېلىش كېرەك دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئەخمەت ماخمۇت يۇقۇرىقى دەلىل ئىسپاتقا جاۋاب بىرىپ، بۇ دەلىل ئىسپات فۇخې شىركىتىنىڭ بايانىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا گۇۋاھچى نەق مەيدانغا كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا بولاتتى، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، بۇ دەلىل ئىسپات مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز فۇخې شىركىتىنىڭ تۆتىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتىغا قارىتا، بۇ قادىر ماخمۇت ۋە ئۇبۇلقاسىمنىڭ يېزىپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزى بولۇپ، ئالاھىيدە ئەھۋال بولمىسا گۇۋاھچى چوقۇم سوتقا كېلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتىشى كېرەك دەپ قاراپ بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكىتىمەيدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ تاپشۇرغان بەشىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتى: شىنجاڭ باۋجۇڭ قۇرۇلۇش تۈرى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ھېساۋات تەكشۈرۈش دوكىلاتى، بۇ ئارقىلىق يۈەنشى شىركىتىگە بىرىپ بولغان 450000 يۈەندىن مۇپەتتىش ئارقىلىق كەمەيتىۋەتكەن پۇل 23080.5 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن تۇتۇپ قېلىش كېرەك دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئەخمەت ماخمۇت يۇقۇرىقى دەلىل ئىسپاتقا جاۋاب بىرىپ، بۇ بىر كۆپەيتىلگەن قەغەز ئىكەن، سۇ ئىدارىسى بىلەن فۇخې شىركىتى تۈزگەن توختامدا توك قىسمىنىڭ باھاسى 280000 يۈەن، ھازىر مۇپەتتىش باھاسىدا قانداق بولۇپ 500000 يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ قالدى، شۇڭا ئىتىراپ قىلىشقا بولمايدۇ. يۈەنشى شىركىتى بىلەن تۈزۈشكەن توختامنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئوتتۇرغا قويدى.
مەھكىمىمىز فۇخې شىركىتىنىڭ بەشىنچى تۈرلۈك دەلىل ئىسپاتىنىڭ قانۇنلىقى، راستلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇ، بىراق فۇخې شىركىتىنىڭ ئىسپاتلاش مەقسىتىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ پۇل مۇپەتتىش قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن چىقىرۋېتىلگەن.
دەۋالاشقۇچىلار ئىككىنچى سوتتا تالاش-تارتىش قىلغان پاكىتقا قارىتا مەھكىمىمىز تۆۋەندىكىچە بېكىتتى: مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان پاكىت بىلەن بىرىنچى سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان پاكىت ئاساسەن ئوخشاش.
يەنە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشنى دېلودىكى ئەخمەت ماخمۇتقا ھۆددىگە بەرگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش چوڭ جەھەتتىن توك ئىشلىرى ۋە سۇ ئىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەخمەت ماخمۇتنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن فۇخې شىركىتى توك ئىشلىرىنى قىلىشنى شىنجاڭ يۈەنشى ئىلىكتىر قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى خوتەن شۆبە شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يۈەنشى شىركىتى دېيلىدۇ)گە 450000 يۈەنگەن ھۆددىگە بەرگەن، بۇنىڭدىن ئەخمەت ماخمۇت 150000 يۈەننى بەرگەن، قەپ قالغان 350000 يۈەن ۋە بۇ پۇلنىڭ ئۆسىمى 36000 يۈەننى فۇخې شىركىتى ھەق تەلەپ ھۆكۈمى ۋە ئىجرا ئارقىلىق يۈەنشى شىركىتىگە بەرگەن. دېلودىكى قۇرۇلۇش 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا پۈتۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنغان. فۇخې شىركىتى ئەخمەت ماخمۇتقا قۇرۇلۇش پۇلى ۋە باج پۇلى جەمئى 3292666 (بۇنىڭ ئىچىدە سىمىنوتچىغا بەرگەن 172000 يۈەن بار)يۈەننى بىرىپ بولغان. ئەخمەت ماخمۇتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى يوق.
بۇ پاكىتنى بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا دەۋالاشقۇچىلارنى يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن ھەمدە بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە دېلو پاكىتى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە فۇخې شىركىتى ئىككىنچى سوتقا تاپشۇرغان شۇنداقلا مەھكىمىمىز ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكىتكەن دەلىل ئىسپاتلار شۇنداقلا ئىككىنچى سوتتىكى تەرەپلەرنىڭ بايانى ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى> نى تەدبىقلاشتىكى ۋاقىت كۈچى توغىرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بۇ دېلونى بىرتەرەپ قىلىشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئىشلىتىپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.
ئەخمەت ماخمۇتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى يوق بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدا “بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن، قانۇن بويىچە ئىگە بولغان سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك ھەمدە سالاھىيەت دەرىجىسى يول قويغان كەسپى دائىرە بويىچە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشى كېرەك” دەپ بەلگىلەنگەن، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا فۇخې شىركىتى، ئەخمەت ماخمۇتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بېلىپ تۇرۇپ دېلودىكى قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بەرگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نىڭ 52-ماددىسىغا ئاساسەن، فۇخې شىركىتى بىلەن ئەخمەت ماخمۇت ئېغىزاكى تۈزۈشكەن قۇرۇلۇش قىلىش توختىمى ئىناۋەتسىز توختام.
دېلودىكى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش توختام ماجىرالىرى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەدىلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 2-ماددىسىدا “قۇرۇلۇش توختىمى ئىناۋەتسىز، بېراق قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنىپ لاياقەتلىك بولغاندا، ھۆددىگە ئالغۇچى توختامنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇش پۇلىسىنى تەلەپ قىلغاندا، قوللاش كېرەك”دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەخمەت ماخمۇتنىڭ دېلودىكى قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىسىنى فۇخې شىركىتىدىن تەلەپ قىلىش ھوقوقى بولىدۇ. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمى ئەنزىلىرىدە، تەرەپلەر قۇرۇلۇش باھاسىنى ئېنىق بېكىتكەن باھا بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان قۇرۇلۇش باھاسى، ئوخشاش بولمىغاندا قانۇننى قانداق ئىشلىتىش توغىرىسىدىكى پىكىرى»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بۇ دېلودا ئىنىق بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش باھاسى يوق، شۇڭلاشقا دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ باھاسىنى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش باھاسى 4208760.38 يۈەن دەپ بىكىتىش كېرەك.
بىرىنچى سوت جەريانىدا تەرەپلەر ئۆز ئارا ھېساۋات قىلىش ئارقىلىق فۇخې شىركىتى ئەخمەت ماخمۇتقا قۇرۇلۇش پۇلى 2967847 (بۇنىڭ ئىچىدە سىمىنوتچىغا بەرگەن 172000 يۈەن بار) يۈەن ۋە باج پۇلى 324819 يۈەن بولۇپ، جەمئى 3292666 يۈەن چىققان، بىرىنچى سوت تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى بۇ ھېساۋات خاتىرسىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش باھاسى 4208760.38 يۈەندىن ئەخمەت ماخمۇت تاپشۇرۇپ ئالغان 3292666 يۈەننى چىقىرۋەتكەندە قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلىسى 916094.37 يۈەن بولغان.
فۇخې شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش، توك ئىلىكتىر قۇرۇلىشى ۋە سۇ قۇرۇلىشىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، فۇخې شىركىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ توك ئىلىكتىر قىسمىنى ئەخمەت ماخمۇتنىڭ تۇنۇشتۇرشى ئارقىلىق يۈەنشى شىركىتىگە 450000 يۈەنگە ھۆددىگە بەرگەن. بۇ پۇلدىن ئەخمەت ماخمۇت يۈەنشى شىركىتىگە 150000 يۈەننى بەرگەندىن كېيىن، يۈەنشى شىركىتى فۇخې شىركىتىنى دەۋا قىلىپ 344158 يۈەننى ئالغان. فۇخې شىركىتىنىڭ 344158 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇتتىن چىقىرۋېتىشكە تىگىشلىك دېگەن نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىتى ۋە قانۇن ئاساسى بولغانلىقى ئۈچۈن قوللاشقا بولىدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ باج پۇلى 571630.56 يۈەن بولاتتى، باج پۇلى تۆۋەن بىكىتىلدى دېگەن نارازىلىق ئەرز تەلىپىگە قارىتا، مەيلى بىرىنچى سوت ياكى ئىككىنچى سوت بولمىسۇن فۇخې شىركىتى باج پۇلىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ياكى باج پۇلىسىنى تاپشۇرغانلىققا ئائىت دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن. ئىككىنچى سوتتا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېساۋاتنى ئۇدۇللاش ئارقىلىق، باج پۇلى 324819 يۈەن چىققان، بۇنى ئەخمەت ماخمۇت ئىتىراپ قىلدى، شۇڭلاشقا تەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باج پۇلىسىنى 324819 يۈەن دەپ بىكىتىش كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ نارازىلىق ئەرزىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ.
فۇخې شىركىتىنىڭ چالا قالغان قۇرۇلۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان 86500 يۈەن، ئاقچىغىل كەنتى كومىتىتىغا 67000 يۈەنلىك ماتىريال تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇپ بەرگەن ۋە قەپ قالغا چالا قۇرۇلۇشنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 608000 يۈەن كېتىدۇ بۇنى ئەخمەت ماخمۇتنىڭ قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن چىقىرۋېتىشكە تىگىشلىك دېگەن نارازىلىق ئەرز تەلىپىگە قارىتا، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەھكىمىمىزگە قايتۇرغان قايتۇرما ئالاقىسىدە دېلودىكى قۇرۇلۇشنىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزىۋېلىندى دېيىلگەن. ئاقچىغىل كەنتى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتتا ماتىريال ئومۇمى سوممىسى يوق بولۇپ، فۇخې شىركىتى ئۆزىنىڭ كەنتى كومىتىتىغا قانچىلىك قىممەتتىكى ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. شۇنداقلا چالا قالغان قۇرلۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان ۋە چىقىم قىلماقچى بولغان پۇلنى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنغاندىن كېيىن چىقىم قىلغان ياكى چىقىم قىلماقچى بولغان پۇل بولۇپ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق خاتىرىسىدىن باشقا دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق تۇلۇقلاپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن ئەھۋالدا فۇخې شىركىتىنىڭ بۇ بايانىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كېرەك.
فۇخې شىركىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى 279507.63 يۈەننى ئارتۇق بەرگەن پۇل دەپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن، بۇ پۇلنى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن چىقىرۋېتىشقا تىگىشلىك دېگەن بايانىغا قارىتا، دېلودا قۇرۇلۇش مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كېيىن، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى مۇپەتتىش قىلغاندىن كېيىنكى باھاسىغا ئاساسەن ئارتۇق تۆلەنگەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پۇل مۇپەتتىش قىلىنغاندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش باھاسى 4208760.38 يۈەننىڭ ئىچىدە يوق. شۇڭلاشقا بۇ نارازىلىق ئەرزىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق رەت قىلىش كېرەك.
فۇخې شىركىتىنىڭ ھۆججەتسىز ئەخمەت ماخمۇتقا 210000 يۈەن بەرگەن دېگەن بايانىغا نىسبەتەن، بىرىنچى سوتتا كۆرسەتكەن سىن لىنتىسىنىڭ گەپ سۆزلىرى ئىنىق ئەمەس، شۇنىڭدەك سىن لىنتىسىنىڭ باش ئاخىرى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ سىن لىنتىسىنىڭ قانۇنلىقى، راستلىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقىنى بىكىتىشكە بولمايدۇ. ئەخمەت ماخمۇت 210000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىنىقى ئىتىراپ قىلمىدى، فۇخې شىركىتىمۇ بۇ پۇلنى ئەخمەت ماخمۇتقا بەرگەنلىك توغرىسىدا باشقا دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق تۇلۇقلاپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى، شۇڭلاشقا بۇ نارازىلىق ئەرزىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ.
باشقۇرۇش ھەققى 335230 يۈەنگە نىسبەتەن، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا باشقۇرۇش ھەققى بىرىش ئېلىش توغرىسىدا ئىنىق پۈتۈم يوق، شۇنىڭدەك تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى توختام مۇناسىۋىتى ئىناۋەتسىز ئەھۋالدا، باشقۇرۇش ھەققىنى ئېلىشنىڭ قانۇن ئاساسى يوق. فۇخې شىركىتىنىڭ بۇ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىش كېرەك.
يۇقۇرىقىلارنى يېغىنچاقلىغاندا قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلىسى 916094.37 يۈەندىن فۇخې شىركىتى يۈەنشى شىركىتىگە بەرگەن 344158 يۈەننى چىقىرۋەتكەندىن كېيىن 571936.37 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇتقا تۆلەپ قايتۇرشى كېرەك.
ئەخمەت ماخمۇت تەلەپ قىلغان ئۆسۈمگە نىسبەتەن، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش توختام ماجىرالىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى مەسىلىلەرنى ئىشلىتىشتىكى بىرقانچە مەسىلەنىڭ ئىزاھاتى (1)»نىڭ 26-ماددا، 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، فۇخې شىركىتى بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 571936.37 يۈەن ئاساسىدا، يىللىق بانكا ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلگەن ۋاقىت 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، يۇقۇرىدىكى پۇلنى بىرىپ بولغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆسىمىنى ئەخمەت ماخمۇتقا تۆلەپ قايتۇرىشى كېرەك.
فۇخې شىركىتى بىرىنچى سوتقا قارشى ئەرز بەرگەن، بىرىنچى سوت فۇخې شىركىتىگە ئىككى قېتىم قارشى ئەرز دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش ئۇختۇرشىنى يەتكۈزگەن، دېلو نەتىجىسى چىققانغا قەدەر قارشى ئەرز دەۋا ھەققى تاپشۇرمىغان، شۇڭلاشقا فۇخې شىركىتى قارشى ئەرز دەۋا تەلىپىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ. بىرىنچى سوت قانۇن بويىچە بۇ خىل ئەھۋالنى كېسىم ئارقىلىق قارشى ئەرزىدىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنىڭ بۇ قىسمىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئومۇملاشتۇرغاندا، بىرىنچى سوت ھۆكۈمنامىسىدە قىسمەن پاكىتنى بىكىتىشى ئىنىق بولسىمۇ، ئىككىنچى سوتتا يىڭى پاكىت ۋە يىڭى دەلىل ئىسپات بولغانلىقى ئۈچۈن، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى فۇخې شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ قىسمەن پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى، ئاساسى بار قىسمىنى قوللاشقا بولىدۇ. ئاساسى يوق قىسمىنى رەت قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 170-ماددىسى 1-تارماق 2-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3222 ھ د 1864-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمى كۈچتىن قالدۇرۇلسۇن؛
2-قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 571936.37 يۈەننى ھۆكۈم تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەخمەت ماخمۇتقا بەرسۇن؛
3-قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەخمەت ماخمۇتقا بىرىشكە تىگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى 571936.37 يۈەننىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن ھېسابلاپ پۇلنى بىرىپ بولغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى بانكا ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئەخمەت ماخمۇتقا تۆلەپ بەرسۇن؛
4-ئەخمەت ماخمۇتنىڭ باشقا دەۋا تەلىپى رەت قىلىنسۇن.
ئەگەر ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 253-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە كېچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.
بىرىنچى سوت دېلو قۇبۇل قىلىش ھەققى دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 18488.46 يۈەندىن ئەخمەت ماخمۇت تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك دەۋا ھەققى 9244.23 يۈەننى ئىجرا باسقۇچىغا كىرىشتىن بۇرۇن تۇلۇقلاپ تاپشۇرسۇن. ئۇمۇمى دېلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 18488.46 يۈەندىن 6952.43 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇت ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 11536.03 يۈەننى قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
ئىككىنچى سوت دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 13835.92 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 5954.12 يۈەننى ئەخمەت ماخمۇت ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 7881.8 يۈەننى قاراقاش ناھىيە فۇخې سۇ ئىشلىرى سۇ ئىلىكتىر قۇرلۇشى قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
بۇ ھۆكۈم ئاخىرىقى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ.
 
 
 
                              باش سوتچى  رەيھانگۈل تۇرغۇن
                              سوتچى           نەقىتجان نەبىي
                              سوتچى  مەمەتئابلا تۇرسۇنتوختى
 
 
 
                              2021-يىلى 9-ئاينىڭ  27-كۈنى
 
                                    پۈتۈكچى         ئايپەرى ئەركىن