شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى كونىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق-تەلەپ كىسىمنامىسى
(2021)ش 3121 ھ د 331-نۇمۇرلۇق
دەۋاگەر قۇربانجان مەمەت، ئەر، 1974- يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، شىنجاڭ كونشەھەر ناھىيسى ئوغۇساق بازار مۇسۇما كەنت 2- مەھەللە 18 - نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق.
جاۋابكار قەشقەرساما يولى قۇرلۇش چەكلىك شىركىتى.
شىركەت ئادرىسى كونىشەھەر ناھىيىسى خەلق شىمالىي يولى 31-نومۇر.
قانۇنىي ۋەكىلى ھەزرىتىئۆمەر ئابدۇكىرىم، ۋەزىپىسى شىركەت دىرىكتورى.
مەھكىمىمىز 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۇنى دەۋاگەر قۇربانجان مەمەتنىڭ جاۋابكار قەشقەرساما يولى قۇرلۇش چەكلىك شىركىتى ئۇستىدىن دەۋا قىلغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرنىڭ قاتناش ھادىسسى جاۋبكارلىق ماجرا دىلوسىنى قوبۇل قىلىپ، دەۋاگەر قۇربانجان مەمەتكە 7 كۈن ئىچىدە دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش ئۇقتۇرشى چىقارغان بولساقمۇ دەۋاگەر بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە دەۋا ھەققى تاپشۇرمىدى .
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى »نىڭ 118-ماددا، 154-ماددا 1-تارماق 11-كىچىك تارماقچە، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ يەشمىسى» نىڭ 213-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى:
دەۋاگەر قۇربانجان مەمەتنىڭ دەۋاسى دەۋادىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندى.
سوتچى تۇرسۇنجان سىيت
2021-يىلى2 -ئاينىڭ 26-كۇنى
پۇتۇكچى خانزۆھرە تۇرسۇن