新疆天和顺建筑工程有限公司

新疆天和顺建筑工程有限公司阿卜杜热合曼·伊斯马伊力建设工程施工合同纠纷民事二审民事判决书

来源:中国裁判文书网
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
 
 
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2021) ش 32 ھ ئا 240-نومۇرلۇق
 
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى(ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار): شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرى بېيجىڭ غەربىي يولى 344-نومۇر 1-بىنا 5-ئىشىك 202-نومۇر.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى: مۇختەر ئاۋلا، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: خەبەر ئابدۇللا، شىنجاڭ دوستلۇق ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۇۋكاتى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: پەزىلەت نەبىيجان، شىنجاڭ دوستلۇق ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۇۋكاتى.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى(ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر): ئابدۇراخمان ئىسمايىل، ئەر، 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيە شەنبە بازار بازىرى تاغداشمان كەنتە 23-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئېزىز ئىمىن، شىنجاڭ ۋولقان ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئابدۇراخمان ئىسمايىل بىلەن بولغان قۇرۇلۇش توختام ماجىراسى دېلوسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021) ش 3226 ھ د 52-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلونى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شېركىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى مۇختەر ئاۋلا ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى خەبەر ئابدۇللا، پەزىلەت نەبىيجان، نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى ئابدۇراخمان ئىسمايىل ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئېزىز ئىمىن سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى1”.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2021)ش 3226 ھ د 52-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ بەرسە؛ 2. مەزكۇر دېلونىڭ دەۋا ھەققىنى ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا بۇيرۇپ بەرسە. پاكىت ۋە ئاساس: 1. ئابدۇراخمان ئىسمايىل 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن يېزىقچە توختام تۈزۈپ، كېرىيە ناھىيە يېڭىباغ تەرەققىيات رايونىدىكى 2016-يىللىق يۆتكەپ كۆچۈرۈش چارۋا-قۇش قوتان تۈرىدىن 140 دانە توخۇ قوتىنىنى ھۆددە ئېلىپ ئىشلىگەن، شىركەت ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا ئۆز ۋاقتىدا مەسئۇل بولۇپ قىلغان ( دو يۈن شۈن ) باشچىلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تاماملىغان، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى بولغاچقا قۇرۇلۇشنى نەق چوت قىلىپ مۇپەتتىش قىلىپ چىقارغان ھېسابات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەسلى توختامدىكى قۇرۇلۇش باھاسى 4575853.86 يۈەن، بولسىمۇ مۇپەتتىش ئارقىلىق بېكىتىلىپ قوشۇلغان باھا 1045106.71 يۈەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى باھاسى    7985725.13 يۈەن بولۇپ، بۇ پۇلدىن كىمەيتىلگەن باھا 2364764.56 يۈەن بولۇپ، ئەسلى قۇرۇلۇش باھاسىدىن بۇ پۇلنى كۆتۈرۋەتسەك بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بېرىشكە تېگىشلىك پۇلى 5620960.57 يۈەن بولۇپ، ئەسلى قۇرۇلۇش باھاسىدىن 2364764.56 يۈەن كېمەيتىۋەتكەن، شۇڭا ئەسلى سوتنىڭ بىزگە 1942000.00 يۈەننى بۇيرۇشى توغرا ئەمەس، بۇ دۆلەتنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى بولغاچقا مۇپەتتىش ئورۇنلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش باھا بېكىتىش ھوقوقى بار، شۇڭلاشقا ئەسلى سوتنىڭ ماڭا تۆلەشكە بۇيرىغان پۇلى 1942000.00 يۈەن بۇيرىشى توغرا ئەمەس، مۇپەتتىشتىن كەم چىققان پۇلنى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ 2. مەن بۇ قۇرۇلۇش شىركىتىنى 2018-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ نامىغا يۆتكىگەن( نامىغا يۆتكىگەنلىك توغرىسىدىكى ئىسپاتنىڭ ئەسلى نۇسقىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىدىن بىر نۇسقا بار) بۇ قۇرۇلۇش مەن شىركەتنى ئۆتكۈزىۋېلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش يېغىنى ئارقىلىق تەستىقلاپ بېرىشى بىلەن، دو يۈن شۈن ئىسىملىك يولداشنىڭ يېتەكلىشى، باشقۇرۇشى، تەقسىم قىلىشى، كېلىشىپ شىركەت نامىدا توختام تۈزۈشى ئاستىدا قىلىنغان قۇرۇلۇش ئىكەن، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھېچقانداق تەپسىلاتنى مەن بىلمىگەچكە ئالدىنقى قېتىملىق كېرىيە ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئاچقان سوتتا مەن ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، مەزكۇر ھۆكۈمنامىدىكى 1942000.00 يۈەننى، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 20596.00 يۈەننى ماڭا تۆلەشكە ھۆكۈم چىقاردى. مەزكۇر دەۋادا مەن شىركەتنىڭ ئېلگىرىكى ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا دەلىل-ئىسپاتنى بېكىتىش توغرا بولمىغان، قۇرۇلۇشنىڭ مۇپەتتىش دوكىلاتى چىققان بولغاچقا مۇپەتتىش دوكىلاتىنى ئاساس قىلىش كېرەك، مۇپەتتىش دوكىلاتى بويىچە بولغاندا پۇل بېرىشكە چىقمايدۇ، شىركەت، باج ۋە باشقا تۈرلۈك خىراجەتلەرنى چىقىرۋېتىش كېرەك، شۇڭا بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي، مەزكۇر نارازىلىق ئەرزنى سۇندۇم، مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن تەرتىپ بويىچە مەزكۇر ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىگە قاراپ چىقىپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى، مەزكۇر دەۋادىكى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولۇپ، باشتىن ئاخىرى شىركەت نامىدا قۇرۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلغان، كېلىشىم تۈزگەن، پۇل چىقىم قىلىپ بەرگەن، قۇرۇلۇشنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، قۇرۇلۇشنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئادەم دو يۈن شۈن ئارقىلىق مەزكۇر ماجىرانى ئايرىپ تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن” دەپ نارازىلىق ئەرز بەردى.
ئابدۇراخمان ئىسمايىل: “ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق، نارازىلىق ئەرز تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بەرسە. پاكىت ئاساسىم: مەن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى بىلەن يېزىقچە توختام ئېمزالىغان بولۇپ، توختامدا قۇرۇلۇش دائىرىسى، قۇرۇلۇش مۇددىتى، قۇرۇلۇش باھاسى، قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئېنىق پۈتۈشۈلگەن، مەنمۇ توختام بويىچە قۇرۇلۇشنى تاماملاپ تاپشۇرغان ھازىر بۇ قۇرۇلۇش نورمال ئىشلىتىلىۋاتىدۇ” دېگەن مەزمۇندىكى جاۋابىنى بەردى.
ئابدۇراخمان ئىسمايىل بىرىنچى سوت قېپ قالغان سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ: “شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىدىن قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 2062000.00 يۈەننى ئالدۇرۇپ بەرسە” دەپ تەلەپ قىلغان.
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق پاكىت بېكىتكەن: 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئابدۇراخمان ئىسمايىل بىلەن شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى ئېمزالاشقان، كېلىشىمدە“ ئابدۇراخمان ئىسمايىل شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ھۆددە ئالغان كېرىيە ناھىيە 2016-يىللىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قوتان قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك بارلىق ماتېرىياللارنى دەۋاگەر ئۈستىگە ئالدىغان، قۇرۇلۇش قىلىدىغان قوتان سانى 140 دانە، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش باھاسى بولسا 3542000.00 يۈەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى يېرىم يىل بولىدىغان، ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلى بولسا ئىشىنى، ماتېرىيالىنى ھۆددە بېرىدىغان، مال-پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلى بولسا: شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى يەر ئۇل قۇرۇلۇشى پۈتكەندە ئومۇمىي قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ %30 تىنى، ئاساسى قۇرۇلۇش پۈتكەندە % 40 تىنى، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشنى تاپشۇرغاندا % 25 تىنى، قالغان % 5 تىنى بىر يىلدىن كېيىن بېرىدىغان” بولۇپ توختام ئېمزالاشقان، ئابدۇراخمان ئىسمايىل پۈتۈشكىنى بويىچە قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ بولغاندا، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بۇ قوتان قۇرۇلۇشنى ئىشلەتكەن، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا قۇرۇلۇش پۇلىغا قارىتا 1600000.00 يۈەننى بەرگەن بولسىمۇ، قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1942000.00 يۈەننى ھازىرغىچە بەرمىگەن، ئابدۇراخمان ئىسمايىل سوتتا ئومۇمىي دەۋا تەلىپىدىكى سۇغۇرتىغا تاپشۇرغان 120000.00 يۈەندىن ۋاز كەچكەن.  
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىغان، “جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى”نىڭ 788-ماددىسدىكى بەلگىلىمىسىدە“ قۇرۇلۇش توختامى ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش سالىدىغان، ھۆددە بەرگۈچى پۇل تۆلەيدىغان توختامدۇر، قۇرۇلۇش توختامى چارلاش، لاھىيەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ’’ دېيىلگەن، بۇ دېلو ماھىيەتتە قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش توختامى جەريانىدا پەيدا بولغان قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەشتىن كېلىپ چىققان ماجىرا بولۇپ، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك كېلىشىمى بولسا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقى مەقسەت ئىپادىسى بولۇپ، توختام تۈزۈشكۈچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ:“ شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىدىن قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 2062000.00 يۈەننى ئالدۇرۇپ بەرسە” دېگەن دەۋا تەلىپىدىن ئابدۇراخمان ئىسمايىل سوتتا 120000.00 يۈەنگە قارىتا ۋاز كېچىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان بولۇپ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 13-ماددا 2-تارماقچىسىدا“ دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئۆزىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقوقى ۋە دەۋا ھوقوقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق”دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ ئومۇمي دەۋا تەلىپىدىن 120000.00 يۈەننى ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى قوللاشقا بولىدۇ، 1942000.00 يۈەن دەۋا تەلىپىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئابدۇراخمان ئىسمايىل، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ سوتتىكى بايانى، ئابدۇراخمان ئىسمايىل تەرەپ سوتقا تەمىنلىگەن 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈزۈلگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك كېلىشمنامىسى، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تەرەپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا يېزىپ بەرگەن ئىسپاتنى دېلونىڭ پاكىتى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ “ ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش پۇلىدىن قەپ قالغان 1942000.00 يۈەننى مۇپەتتىش ئورۇنلىرى كەم بەردى، بۇ قوتان قۇرۇلۇشىنى ھازىرغىچە ئۆتكۈزۋالمىدۇق، ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش پۇلى يوق”دېگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىدى، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تەرەپ سوتتا كۆرسەتكەن ئىسپاتنى دېلونىڭ پاكىتى قىلىپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىسپاتقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تامغۇسى بېسىلمىغان، شۇڭا شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش پۇلىدىن قەپ قالغان 1942000.00 يۈەننى قايتۇرۇش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 509-ماددىسى، 577-ماددىسى، 579-ماددىسى، 788-ماددىسى، 807-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلغان: 1.شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا بېرىشكە تېگىشلىك قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1942000.00 يۈەننى ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن مۇددەت ئىچىدە ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا بەرسۇن؛ 2. ئەگەر شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى مۇشۇ ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە پۇلنى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 253-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كىچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى قەرز ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ؛ 3. دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 23296.00 يۈەندىن 2700.00 يۈەننى ئابدۇراخمان ئىسمايىل، 20596.00 يۈەننى شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالسۇن.
مەھكىمىمىز ئىككىنچى سوت قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تۆۋەندىكىدەك يېڭى دەلىل-ئىسپات تاپشۇردى. مەھكىمىمىز دەۋالاشقۇچىلارنى دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى.
شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان 1-تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات: بىناكارلىق قۇرۇلۇشى راسچوتىنى بېكىتىش جەدىۋىلى بۇ ئارقىلىق“كېرىيە ناھىيە 2016-يىللىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قوتان قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش سانى 220 يۈرۈش، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۇلى 7985725.13 يۈەن بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۇلى 7985725.13 يۈەننى تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورۇنلارغا يوللىغاندىن كېيىن، تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل مۇپەتتىش تارماقلىرى 220 يۈرۈش قۇرۇلۇشنى مۇپەتتىش قىلىش ئارقىلق، قۇرۇلۇش لاياقەتلىك ئەمەس، قۇرۇلۇشنىڭ كەم قالغان يەرلىرى بار دەپ قاراپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۇلىسىدىن 2364764.56 يۈەننى تۇتۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئابدۇراخمان ئىسمايىل قۇرۇلۇش قىلغان 140 يۈرۈش قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىسىنى بېرىپ بولغان”دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئابدۇراخمان ئىسمايىل“ مەن يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقىنى، قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىمەن، لىكىن بۇ مۇپەتتىش تارماقلىرى تۇتۇپ قالغان 2364764.56 يۈەن پۇل مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چۈنكى مەن قۇرۇلۇشنى لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەن شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن توختام ئېمزالىغاندا قۇرۇلۇشنى لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى دېيىشكەن، مۇپەتتىش تارماقلىرى مۇپەتتىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن باھاسىنى قايتىدىن بىكىتدىغاننى دېيىشكەن ئەھۋال يوق، شۇڭا بۇنى ئېتراپ قىلمايمەن” دەپ جاۋاب بەردى.
مەھكىمىمىز بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقى بىلەن قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، لىكىن دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ دەلىل-ئىسپاتتا 220 يۈرۈش قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۇلىسى 7985725.13 يۈەن دەپ يوللانغان بولۇپ، مۇپەتتىش تارماقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ كەم قالغان يەرلىرى بار، قۇرۇلۇش ئۆلچەم بويىچە سېلىنمىغان دەپ قاراپ تۇتۇپ قالغان 2364764.56 يۈەنگە قارىتا، بۇ چىقىرۋېتىلگەن پۇل ئابدۇراخمان ئىسمايىل قۇرۇلۇش قىلغان 140 يۈرۈش قۇرۇلۇشتىن تۇتۇپ قالغانمۇ ياكى باشقا 80 يۈرۈش قۇرۇلۇشتىن تۇتۇپ قالغانمۇ، بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق ئايىرىپ بېرەلمىدى، شۇڭا بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىكىلى بولمايدۇ.  
شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان 2-تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات: شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە ئىدارىسى ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى مەخسۇس راسچوتى مەبلىغىگە يۆتكەش ئەھۋالى توغىرىسىدىكى ئىزاھاتى، بۇ ئارقىلىق“شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئابدۇراخمان ئىسمايىل قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىپ ئىشلەش جەريانىدا ئىشلەتكەن 33 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتالمىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ ھېساباتىدىن 278750.00 يۈەننى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 33 نەپەر ئىشلەمچىگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ پۇلنىڭ ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلغان 140 يۈرۈش قوتان ئۈچۈن ئىلگىرى بېرىپ بولغان بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ ئىچىدە يوق”دېگەننى ئىسپاتلىماقچى. 
ئابدۇراخمان ئىسمايىل“مەن يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقىنى، قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىمەن، يۇقىرىقى 33 نەپەر ئىشلەمچىگە قارىتا 278750.00 يۈەننىڭ تارقىتىلغانلىقىنىمۇ ئېتراپ قىلىمەن، لىكىن شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى 140 يۈرۈش قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بېرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن مەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق 278750.00 يۈەن پۇل 33 نەپەر ئىشلەمچىگە تارقىتىلدى، لىكىن بۇ پۇل ماڭا ئېلگىرىكى قۇرۇلۇش پۇلى ئۈچۈن بېرىپ بولغان بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەننىڭ ئىچىدە يوق دىيىشنىڭ ئاساسى يوق، بۇنىڭغا قارىتا دەلىل-ئىسپات يوق، ئەمەلىيەتتە بۇ 278750.00 يۈەن پۇل ماڭا بېرىپ بولغان بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەننىڭ ئىچىدىكى پۇل، شۇڭا مەن بۇ دەلىل-ئىسپاتنى ئېتراپ قىلمايمەن” دەپ جاۋاب بەردى.
مەھكىمىمىز بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقى بىلەن قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، لىكىن دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ دەلىل-ئىسپاتتا شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ ھېساباتىدىن 278750.00 يۈەننى 33 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لىكىن 278750.00 يۈەننىڭ ئىلگىرى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا بېرىپ بولغان پۇلنىڭ سىرتىدىكى پۇل ئىكەنلىكىگە قارىتا باشقىچە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، شۇڭا بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىلگىرى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا بېرىپ بولغان بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەننىڭ سىرتىدا ئىشلەمچىلەرگە بېرىپ بولغان پۇل دەپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىكىلى بولمايدۇ.
شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تاپشۇرغان 3-تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات: شىركەتنىڭ ئىلگىركى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى دۇ يۈن شۈننىڭ مەتنىياز ھاشىم قاتارلىق 11 نەپەر ئىشلەمچىگە قارىتا 592500.00 يۈەن بەرگەن ئىسپاتى، بۇ دەلىل ئىسپات ئارقىلىق“بۇ ئىسپاتقا قارىتا شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا ھۆددە بەرگەن 140 يۈرۈش قۇتاندىن ئابدۇراخمان ئىسمايىل، مەتنىياز ھاشىم قاتارلىق 11 نەپەر ئىشلەمچىگە ھۆددە بەرگەن قۇرۇلۇشىغا قارىتا قۇرۇلۇش پۇلىنى بېرەلمىگەنلىكىتىن، دو يۈن شۈن يۇقىرىقى 11 نەپەر ئىشلەمچىنىڭ ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىسى ئۈچۈن 592500.00 يۈەننى ئۇلارغا ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەنىلىكى، بۇ پۇلنىڭ ئىلگىرى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا بېرىپ بولغان بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ سىرتىدا”دېگەننى ئىسپاتلىماقچى.
ئابدۇراخمان ئىسمايىل“مەن يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتنى ئېتراپ قىلمايمەن، بۇ دەۋا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەلىل-ئىسپات قاتارىغا كىرمەيدۇ، يېڭى دەلىل-ئىسپات قاتارىغا كىرمەيدۇ، بۇ دېلو بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق”دەپ جاۋاب بەردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ چىنلىقى بىلەن قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، لىكىن دېلو بىلەن باغلىنىشچانلىقىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلگىرىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى دۇ يۈن شۈن ئابدۇراخمان ئىسمايىل باشقىلارغا ھۆددە بەرگەن قۇرۇلۇشنىڭ پۇلىنى ئۈندىداردا يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق بەردىم دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، بۇ پۇلنىڭ ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ ئېلگىرىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەرگەن بىر مىلىيون 600 مىڭ يۈەننىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىگە قارىتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، شۇڭا بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىكىلى بولمايدۇ.
مەھكىمىمىز ئىككىنچى سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلار بىلەن بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە بىكىتىلگەن پاكىتلار بىردەك بولۇپ، بۇ پاكىتلارنى بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا دەۋالاشقۇچىلارنى يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن ھەمدە بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە دېلو پاكىتىنى بېكىتىشىنىڭ ئاساسى قىلغان دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىلىشىمىزچە: ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى يوق.
يوقۇرىقى دەلىل ئىسپاتنى ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ ئىككىنچى سوتتىكى بايانى ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئابدۇراخمان ئىسمايىل 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كېرىيە ناھىيە 2016-يىللىق نامىراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش قوتان قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختامى ئېمزالىغان، يېزىلاردىكى قوتان قۇرۇلۇشى باشقا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشقا قارىغاندا قويۇلغان تەلەپ بىر قەدەر يوقىرى، بۇ خېلدىكى قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئوخشاشلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بولمىسا سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ساقىت بولغىلى بولمايدۇ، گوۋۇيۈەن «يېزا ۋە كوللىكتىپ پىلانلانغان قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 23-ماددىسىدا“يېزا، كوللىكتىپ پىلانلانغان قۇرۇلۇش دائىرسىدىكى قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيەت كېنىشكىسى ۋە تەكشۈرۈپ تارقاتقان كېنىشكىسىدىكى دائىرگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك، .... ”دېگەن بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيتى يوق بولۇپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدا“بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئورۇن، قانۇن بويىچە ئىگە بولغان سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك ھەمدە سالاھىيەت دەرىجىسى يول قويغان كەسپى دائىرە بويىچە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشى كېرەك” دەپ بەلگىلەنگەن، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بېلىپ تۇرۇپ يۇقىرىقى 140 دانە قوتان قۇرۇلۇشىنى ھۆددە بەرگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»نىڭ 272-ماددىسى ۋە قۇرۇلۇش توختامى ئەدىلىيەلىك ئىزاھاتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئابدۇراخمان ئىسمايىل ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قۇرۇلۇش توختىمى ئىناۋەتسىز توختام. ئابدۇراخمان ئىسمايىل كېرىيە ناھىيە 2016-يىللىق نامىراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش 140 دانە قوتان قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، قۇرۇلۇش نورمال ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش توختام ماجىرالىرى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەدىلىيەلىك ئىزاھاتى»نىڭ 2-ماددىسىدا“قۇرۇلۇش توختىمى ئىناۋەتسىز، بېراق قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىنىپ لاياقەتلىك بولغاندا، ھۆددىگە ئالغۇچى توختامنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇش پۇلىسىنى تەلەپ قىلغاندا، قوللاش كېرەك”دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، نامىراتلارنى يۆلەپ كۆچۈرۈش قوتان قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تاپشۇرۇلۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان، شۇڭلاشقا شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. يۇقىرىقى قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئابدىراخمان ئىسمايىل ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇلۇش توختام ماجىراسىغا، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئاساسلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىپ قاراپ چىقىش كېرەك.
شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمى ئەنزىلىرىدە، تەرەپلەر قۇرۇلۇش باھاسىنى ئېنىق بېكىتكەن باھا بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان قۇرۇلۇش باھاسى، ئوخشاش بولمىغاندا قانۇننى قانداق ئىشلىتىش توغىرىسىدىكى پىكىرى»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باھاسىنى، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك. شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى نارازىلىق ئەرزىگە قارىتا ئىككىنچى سوتقا ئۈچ تۈرلۈك دەلىل-ئىسپات تاپشۇرغان بولسىمۇ، بۇ دەلىل-ئىسپاتلار ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا قۇرۇلۇش پۇلىنى تولۇق بېرىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ھەمدە ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا ئىلگىرى بېرىپ بولغان بىر مىلىيون    600 مىڭ يۈەننىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىگە قارىتا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى، شىنجاڭ تىيەن خې شۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى يېزىپ بەرگەن ئىسپاتىنى دېلونى بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن چەكلىك شىركىتى بىلەن ئابدۇراخمان ئىسمايىل ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، كېلىشىمدە قۇرۇلۇش ۋاقتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىق ئۇسۇللار ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئابدۇراخمان ئىسمايىلغا قۇرۇلۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بەرمىگەن، شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش پۇلىسىدىن قەپ قالغان قۇرۇلۇش پۇلى 1942000.00 يۈەننى ئابدۇراخمان ئىسمايىلگە بېرىشى كېرەك.
بىرىنچى سوتنىڭ دېلو پاكىتىنى بېكتىىشى، قانۇننى تەدبىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشى توغرا بولغان. شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنى ئاساسى يوق، رەت قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 170-ماددىسى 1-تارماق 1-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن.
ئىككىنچى سوت دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى 22278.00 يۈەن بولۇپ، بۇنى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شىنجاڭ تىيەنخېشۈن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالىيدۇ.
بۇ ھۆكۈم ئاخىرىقى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ.
 
 
 
                             باش سوتچى     نەقىتجان           نەبى
                       سوتچى        مەمەتئابلا تۇرسۇنتوختى                                  سوتچى         توختى            قۇربان  
 
 
                           2021-يىلى  6-ئاينىڭ   25-كۈنى
 
 
                             پۈتۈكچى          ئاماننىسا  غۇجىئابدۇللا
false